ئۇيغۇر قىزى نەيرۇلا تايلاند سوتىدا قاماقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 14-فېۋرال

تەتقىقاتچى ۋە ژۇرنالىست نەيرۇلا 14-فېۋرال جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوتىدا 12 يىلدىن بېرى قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 43 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن مۇتەخەسسىس گۇۋاھچى سۈپىتىدە سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىش ھېكايىسى ۋە ھازىرقى ئاساسىي ئەھۋالى، ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ خەتىرى ۋە ئۇلارنى بىخەتەر جايلاشتۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا توختالغان.

نەيرۇلا ئىلگىرى نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بۇ ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرگەنىدى.

تايلاند سوتىنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسىنى سوتتا مۇھاكىمە قىلىشى بىر ئىجابىي قەدەم بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە قانۇن رامكىسى ئىچىدە ئاشكارا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىغا بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

خاماس ئىسرائىلنىڭ غەززەنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي رايونلىرىنى ئايرىپ تۇرىدىغان نېتسارىم كورىدورىدىن قوشۇنلىرىنى چىقارغانلىقىنى تەستىقلىدى.

سە فېۋرال 18 , 2025
10-فېۋرال، ئىسرائىليە غەززە مەركىزىدىن قوشۇنلىرىنى چىقاردى غەززەلىكلەر ئەمدى رايوندا ئەركىن ھەرىكەتلىنەلەيدۇ. «بىز چىڭ تۇردۇق. راكېتا ھۇجۇملىرىغا قارىماي، سەۋر قىلدۇق. بىزنى يېمەك-ئىچمەك ۋە سۇدىن مەھرۇم قىلدى، ئەمما ھاۋادىن مەھرۇم قىلالمىدى. ھايات قالدۇق» – دەيدۇ ئۇلاردىن بىرى. ئۆيلىرىگە قايتىۋاتقان كىشىلەر ۋەيرانچىلىقنىڭ دەرىجىسىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۇرمەكتە.ئىسرائىل قوشۇنلىرى ئىسرائىل چېگرىسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە سوزۇلغان ئالتە […]
خاماس ئىسرائىلنىڭ غەززەنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي رايونلىرىنى ئايرىپ تۇرىدىغان نېتسارىم كورىدورىدىن قوشۇنلىرىنى چىقارغانلىقىنى تەستىقلىدى.

You May Like