ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى پىت خېگسېت
ناتونىڭ بريۇسسېلدىكى شتاب مەركىزىدە قىلغان سۆزىدە، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقچىلىرىنى ياۋروپادا مۇداپىئەسنى مۇستەھكەملەشكە چاقىردى. چۈنكى « ئامېرىكا ئاساسىي ئېتىبارنى ناتونىڭ تىنچ ئوكياندىكى قانىتىنى ھىمايە قىلىشقا قارىتىدۇ، »دېدى ئۇ.
ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقتىكى ھەربى خىراجىتى ئۈلۈشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قېممىتىنىڭ 2 پىرسەنتىدىن 5 پىرسەنتىگىچە كۆتۈرۈلۈشى كېرەك بولىدۇ، دېدى خېگسېت.
ئۆتكەن يىلى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قېممىتىنىڭ 2 پىرسەنتكە يېقىنىنى ناتو ھەربى خىراجىتگە ئاجرىتىپ، جەمئىي 380 مىليارد دوللار سەرپ قىلغان ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا 3.5 پىرسەنتنى ، كانادا 1.4 پىرسەنتنى خىراجەت قىلغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇشتىن ئاۋۋالقى چېگرالىرىنى ساقلاپ قېلىشى ھەم ناتوغا قوشۇلۇشى- رېئاللىقتىن يىراق بولغان ئارزۇدىن ئىبارەت.
خېگسېت ئۇرۇش دىپلوماتىك يول بىلەن ئاخىرلىشىشى، ئۇكرائىناغا ياۋروپا ۋە باشقا مەملىكەتكەر ئامېرىكا بولمىغان ئەھۋالدا خەۋپسىزلىك كاپالىتىنى بېرىشى كېرەك دېگەن پىكىرنى بىلدۈردى.