ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدىنېتى ۋانس ياۋروپانى تەنقىد قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،14-فېۋرال

مۇئاۋىن پرېزىدېنت جەي دى ۋانس گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتناشقان ياۋروپا ئىتتىپاقداشلىرىنى «ئىچكى تەھدىت»تىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلقنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى ھەددىدىن زىيادە سەنسور (نازارەت ) قىلىۋاتقانلىقى ۋە «تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان كۆچمەنلىك» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«مېنىڭ ياۋروپا ھەققىدە ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم رۇسىيە ئەمەس، خىتاي ئەمەس، ياكى ھەر قانداق باشقا تاشقى كۈچمۇ ئەمەس» دېدى ئۇ . « ئەنسىرەيدىغىنىم ئىچكى تەھدىت، ياۋروپانىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسىي قىممەت قاراشلىرىدىن، يەنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن ئورتاق بولغان قىممەت قاراشلىرىدىن چېكىنىشىدۇر.»

ۋانس ناتو ئىتتىپاقدىشى بولغان رۇمىنىيەنىڭ يېقىندا رۇسىيەنىڭ خاتا ئۇچۇر تارقىتىش دەلىللىرى سەۋەبىدىن پرېزىدېنتلىق سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى تەنقىدلىدى. «ئەگەر سىزنىڭ دېموكراتىيىڭىز چەت دۆلەتتىن كەلگەن بىر نەچچە يۈز مىڭ دوللارلىق رەقەملىك ئېلان بىلەن ۋەيران بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ باشتىنلا ئانچە كۈچلۈك بولمىغان دېموكراتىيەدۇر»دېدى ئۇ. «مەن ياۋروپالىق دوستلىرىمدىن بۇ ھەقتە ئويلىنىپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تالىبان ئەخلاق ساقچىلىرى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى تەبرىكلىگەنلەرنى قولغا ئالدى

سە فېۋرال 18 , 2025
تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەخلاق ساقچىلىرى 14-فېۋرال كۈنى كابۇلدا ۋالېنتىن كۈنى ياكى ئاشىقلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قىزىل شارلارنى سېتىۋاتقان ياشلارنى قولغا ئالدى. شارلارنى مۇسادىرە قىلىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. ئىسلام دىنى ۋە ئېتىقادىغا زىت بولغان ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى چەكلەش ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كېلىۋاتقان تالىبانلار، ئاياللار ئەركىنلىكى ۋە تەلىم-تەربىيىسى، كەڭ دائىرىلىك ھۆكۈمەت، ئىنسان ھوقۇقلىرىغا […]
تالىبان ئەخلاق ساقچىلىرى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى تەبرىكلىگەنلەرنى قولغا ئالدى

You May Like