ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقى ۋە بېسىمى نەتىجىسىدە، ماراكەش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدرس ھەسەن ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن ئۆمەر قانات ۋە لوئىسالار ئۇنى ئايرودرومدا كۈتۈۋالدى.
ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن ئالغان بۇ قارارى، ماراكەش-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار منستىرلىكى ، كىشلىك ھوقۇق مۇھاپىزەتچىلىرى، ب د ت مۇھاجىرلار مەھكىمىسى ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى كۆپ تىرىشچانلىق قىلدى.
ئىدرس ھەسەن شۇنىڭ بىلەن پەقەت خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپلا قالماي، ئەركىن دۇنيادا ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.
ئىدرس ھەسەن 2021-يىلى 7-ئايدا ماراكەش ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، شۇ يىلى دېكابىردا ماراكەش سوتى ئۇنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھۆكۈمى چىقارغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىپ ماراكەشكە بېسىم چۈشۈرگەن.
ئىدرس ھەسەننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ مۇتلەق كونتروللۇقى دائىرىسىدە ئەمەسلىكىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ.