ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جېيمس ۋانس ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

گېرمانىيە، 14-فېۋرال، 2025.

«بىز مۇستەھكەم بولغان ، داۋام قىلىدىغا تىنچلىق خالايمىز. بىر قانچە يىلدىن كېيىن شەرقىي ياۋروپاغا توقۇنۇش ئېلىپ كېلىدىغان تىنچلىقنى ئەمەس» دېدى ۋانس.

زېلېنسكىينىڭ ئىشىنىشىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرەلەيدىغان كىشى پرېزىدېنت ترامپتۇر. زېلېنسكىي ئامېرىكا رەھبىرى بىلەن ئومۇمىي پىلاننى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىنلا ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«تىنچلىق بولۇشىنى بەك خالايمىز، لېكىن بىزگە ھەقىقىي بىخەتەرلىك كاپالەتلىرى كېرەك» دېدى زېلېنسكىي.

ميۇنخېندا ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇچراشقاندىن كېيىن باشقا مۇھىم باياناتلار ئىلان قىلىنمىدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ناتونىڭ بريۇسسېلدىكى ئىدارىسىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى پىت خېگسېت «ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى چېگرالىرىنى ساقلاپ قېلىشى، ناتوغا قوشۇلۇشىنىمۇ رېئال بولمىغان نىشانلار» دەپ تەرىپلىگەن.

خېگسېتنىڭ بۇ باياناتى كەسكىن تەنقىدلەرگە ئۇچرىدى. كېيىنرەك مىنىستىر پىت «ھەممە ئىشلار رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىدە ھەل قىلىنىدۇ، »دەپ ئېنىقلىق كىرگۈزدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى رادىكال گۇرۇھلارغا قارشى كۈرەشكە چاقىردى

سە فېۋرال 18 , 2025
فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون پەيشەنبە كۈنى سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى يىغىندا سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى شۇ رايوندىكى رادىكال گۇرۇھلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاق بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى. ماكروننىڭ بۇ باياناتى ئامېرىكىنىڭ بۇ رايونغا بولغان مەجبۇرىيىتى ھەققىدىكى مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارىژدا ياۋروپا ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىن، بەششار […]
فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون پەيشەنبە كۈنى سۈرىيەنىڭ

You May Like