يېقىن شەرق رايونىغا سەپىرى دائىرىسىدە رۇبىيو 17-فېۋرال كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ باردى.
ئىسرائىلىيە-حاماس ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغاندا، تەرەپلەر غەززە تەقدىرىگە ئائىت تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ باش دىپلوماتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەلىئەھد شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى قاتارىدا پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ غەززەلىكلەرنى رايوندىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈش پىلانىغا قارشى.
ترامپ، ئۆز نۆۋىتىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشقا ئۈندەپ كەلمەكتە.
سەئۇدى ئەرەبىستان پەلەستىنگە مۇستەقىللىق بېرىلمىگۈچە ئىسرائىل بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.