ختاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى مۇراسمى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،1-يانۋار

ختاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يول تۈرىنى باشلاش مۇراسىمى 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ جالالاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ-ختاينىڭ ئوتتۇرا ئاسيادىكى كېڭەيمىچىلىك سياسىتىنى يەنە بىر قەدەم كۈچەيتىدىغان ھەرىكىتىدىن ئىبارەت.

 ختاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى قەشقەردىن باشلىنىپ، قىرغىزىستان ئارقىلىق ئۆزبېكىستانغا يېتىپ بارىدۇ، كەلگۈسىدە غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا ئۇزارتىلىدۇ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ئۈچ دۆلەتنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ قاتناش-تىرانسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى قاتناشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە پۈتكۈل رايوننىڭ تاشقى ئالاقىسىنى تۇتاشتۇرۇش بۇنىڭدىن نەپ ئالىدۇ. تۆمۈر يول پۈتكەندىن كېيىن، يېڭى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبىدىكى قاتناش يوللىرى مۇكەممەللىشىپ، شەرقىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا، جەنۇبىي ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان قولايلىق تىرانسپورت يولى شەكىللىنىدۇ ھەمدە يېڭى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ تىرانسپورت دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، يېڭى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ خەلقئارا تىرانسپورتتىكى ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف :« بۇ تۆمۈر يول شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى «ئىستراتېگىيەلىك كۆۋرۈك» بولۇپ، سودا، ساياھەت ۋە سانائەتكە يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

شى جىن پىڭ تەھدىت سالدى: تەيۋەن بىلەن بىرلىششتىن ھىچكىم توساپ قالالمايدۇ.

چا يانۋار 1 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-يانۋارختاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭ يېڭى يىللىق نۇتۇقىدا مۇنداق دىدى:تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى خەلقلەر بىر ئائىلىدۇر. ھىچكىم بۇ ئائىلىنىڭ مۇناسۋىتىنى ئ‍ۈزىۋىتەلمەيدۇ.ھىچكىم تارىخى يۈزلىنىش بولغان جۇڭخۇۋا مىللىتىنىڭ بىرلىششنى ھەرگىز توسۇپ قالالمايدۇ.مەزكۇر ئۇچۇر ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدىكى تىرامپ ھۆكۈمىتىگە بىرىلگەن تەھدىت سىگنالق دەپ قارالماقتا.
taywan-xijinping

You May Like