ختاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «بىرنەچچە تال ئامېرىكا قورالى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ»

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 3-نويابىر

ختاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن بوغۇزىدا يېقىندىن بىرى داۋاملىق غالجىرلاشقان ھەربى ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدلىرىنىمۇ ئىنكار قىلماقتا.

ختاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى داشياۋ جاڭ شياۋگاڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.تۆۋەندىكىلەر ختاينىڭ باياناتى.

«مۇخبىر: خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1 مىليارد 988 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بۇ، يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ۋە رادار سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟

جاڭ شياۋگاڭ: ئامېرىكا ختاي تەيۋەن رايونىغا قورال سېتىپ بېرىپ، بىر ختاي پىرىنسىپى ۋە ختاي-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، ختاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىك مەنپەئەتىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلدى، ختاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزدى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە خاتا سىگنال تارقاتتى. ختاي تەرەپ بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى.

ئامېرىكا تەرەپ ئۆز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ تەيۋەننى قوراللاندۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە يۈرەكلىك ھالدا مەدەت بېرىپ، تەيۋەننى تېزلىكتە ئۇرۇش خەۋپىگە دۇچار قىلىدىغان خەتەرلىك ئەھۋالغا ئىتتىرىپ قويۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. مىنجىنداڭ دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ قورال ـ جابدۇقلىرىنى سېتىۋېلىپ «ساداقەتنامە»سىنى تاپشۇردى، ئامېرىكا تەرەپ تەيۋەن پۇقرالىرىنىڭ قېنىنى شوراپ ئۆزىنىڭ ھەربىي سانائەت بىرىكمە گەۋدىسىنى بوردىدى. پاكىت شۇنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى ۋە سىرتنىڭ ئارىلىشىشى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىككى قىرغاق كىرىزىسى پەيدا قىلىش، رايون مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈشتىكى ئاپەت مەنبەسى، قالايمىقانچىلىق مەنبەسى.»
تەيۋەن ھۆكۈمىتى بولسا ختاينىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىنى تەنقىد قىلماقتا.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇرىئان:قىز دوستۇم بىلەن رەسمى نشانلاندۇق

سە نويابىر 5 , 2024
ئۇيغۇرىئان ئۇ -مەن سۆيۈنىدىغان مەنىۋى قىممەت ۋە ئىنسانى خسلەتلەرنى مۇجەسسەملىگەن، ياخشى تەربىيەلىك قىز..ئەسلى مۇشۇنىڭ ئۆزىلا يتەرلىك ئىدى.. ئەمما ئۇ يەنە-مىنىڭ كىملىكىم، ئۆتمۈشۈم، مەدەنىيتىم، غايىلىرىمنى ئاللىقاچان ئۆز ھاياتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى،مەن ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىق قىلدى. مىنى ئۆزۈم بولغانلىقىم ئۈچۈن ياخشى كۆردى. مىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە تەرەققىيات […]

You May Like