ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 27-ئۆكتەبىر
تەييارلىغۇچى: ئەنقەرەدىن شەھىدە
قانۇن-ھوقۇق پروفېسسورى، تۈركىيە پۇتبول فىدارتسيەسى سابىق ئادوۋكاتى،ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى دوستى ئىلياس دوغان ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسەل سەۋەبىدىن خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئىلياس دوغان -تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى، تۈركىيە-ختاي ئۆتكۈزۈپ بىرىش كىلىشمى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنشىغا تۈركىيە ئاساسى قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنلار بويىچە ئەڭ كەسكىن قارشى تۇرغان ئادوۋكات ھسابلىنىدۇ.ئۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىدار دىلولىرىنى ئشلىگەن ۋە نارازىلىق نامايىشلىرىنى تەشكىللىگەن.
مۇۋەپپەقىيەتلىك ھوقۇقشۇناس ۋە ئاكادېمىك سۈپىتىدە تونۇلغان دوغاننىڭ ۋاپاتى، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قانۇن ساھەسىدىكىلەرنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى.
چوڭقۇر قايغۇ
ئۇيغۇر زىيالىسى دوكتۇر ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق مۇنداق يازغان:
«قايغۇ ۋە ھەسرەت ئىچىدە پروفېسسور دوكتور ئىلياس دوغاننىڭ باقىي ئالەمگە كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بېشىغا قارا كۈن كەلگەندە يالتايمىغان، ۋە لوبىچىلار بىلەن ھەمكارلاشمىغان، ئۈچ مەيمۇن ئويۇنى ئوينىمىغان ئاز ساندىكى تۈرك زىيالىيلىرىدىن بىرى ئىدى. ماكانى جەننەت، روھى شاد بولسۇن!»
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردا، دوغاننىڭ مەكتەپداشلىرى چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەكتەپداشلار: «بىز ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ھەر دائىم پەخىرلەندۇق. ياش يېشىدا ئارىمىزدىن كېتىشى ھەممىمىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى» دەپ تەزىيە بىلدۈردى. ئارىفىيە مەكتەپداشلىرى، بولۇپمۇ ساكاريادا ياشاۋاتقانلار بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەكتەپداشلار ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش قالدۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
1963-يىلى ئاغرىدا تۇغۇلغان ئىلياس دوغان، ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى گۆكچەئادا دارىلمۇئەللىمىندە باشلىغان بولۇپ، 1982-يىلى ساكاريانىڭ يىلتىزلىق مائارىپ ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان ئارىفىيە ئوقۇتقۇچىلار دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەن. بۇ مائارىپ ئۇنىڭ ئاكادېمىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئاساسىنى سالغان. 1986-يىلى ئىستانبۇل ھوقۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن دوغان، 1996-يىلى ئاممىۋى قانۇن پەنلىرى دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
1992-2003 يىللىرى ئارىسىدا دىجلە ئۇنىۋېرسىتېتى ھوقۇق فاكۇلتېتىدا تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان دوغان، ساكاريادا نامى تونۇلغان مۇھىم مەزۇنلاردىن بىرى بولغان. ئاكادېمىك كەسپىدە مۇھىم قەدەملەرنى باسقان دوغان، 2007-يىلى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ھوقۇق فاكۇلتېتىدا پروفېسسورلۇققا كۆتۈرۈلگەن.
خەلقئارالىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ھوقۇق ساھەسىگە قوشقان تۆھپىلىرى
پروفېسسور دوكتور ئىلياس دوغان، گېرمانىيەدە كۆلن ۋە كونستانز ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدەك نوپۇزلۇق ئاكادېمىك ئورۇنلاردا دەرس ۋە لېكسىيە سۆزلەپ خەلقئارالىق سەھنىدە نام چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا، 2011-2013 يىللىرى ئارىسىدا تۈركىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسى ئەخلاق كومىتېتى ئەزالىقى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
دوغان تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرسىدا قۇرۇلغان قانۇن مۇناسىۋەتلىرى بىلەن تۈرك-گېرمان ئاممىۋى ھوقۇقشۇناسلار سۇپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ،قانۇن ساھەسىدە مۇھىم تۈرلەرگە ئىمزا قويغان.
ھوقۇق ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئەسەرلىرى
ئاساسىي قانۇن، سىياسەت ئىلمى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەلىرىدە جەمئىي 12 توم تۈركچە ئىلمىي ئەسەر يازغان پروفېسسور دوكتور ئىلياس دوغان، گېرمانچە تىلىدا 11 توم كىتابنىڭ مۇھەررىرلىكىنى قىلغان. يازغۇچى سۈپىتىدە خەلقئارالىق ئىلىم دۇنياسىغا زور تۆھپە قوشقان دوغان، قانۇن ۋە ھوقۇق دۇنياسىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان.