ئۇيغۇرىئان: 100 مىڭلىغان كىشلەرگە رەھمەت!

ئۇيغۇرىئان

مەن تۇققانلىرىم، قېزىم ،ئاپىسى، دوسلىرىمنىڭ ئازابىنى ھەر كۈنى يۈدۈپ يۈرىمەن، يىغلايمەن. ئەمما ھەر كۈنى قايغۇلىرىمنى ئورتاقلىششش-مەن ۋە باشقىلار ئۈچۈنمۇ ئازاپلىق. تۈنۈگۈن ئائىلەم (ئاپام ۋە ئىككى ئىنىم، 28 نەپەر تۇققانلىرىمنىڭ قامىلىشى ) دۇچ كەلگەن تۈرمە ۋە ئايرىلىش ئىلىپ كەلگەن روھى ئازاپلار ھەققىدىكى مەزكۇر يازمام 2 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئەكس(تېۋىتتر)دا 100مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلۈپ تېۋتتردا ختاي تەشۋىقاتلىرىنى رەت قىلىدىغان مۇھىم بىر ھادىسگە ئايلاندى. بۇ 2018-يىلى باشلىغان«ختاي -ئۇيغۇر ئاخبارات ئۇرۇشى»ھەرىكىتىنڭ داۋامى.

ئۇيغۇر مەسلىسى ئاستا-ئاستا خەلقئارالىق ئالدىنقى كۈنتەرتىپتىن قىلىۋاتقان، چوڭ تاراتقۇلارمۇ ئېجتىمائى تاراتقۇلاردا ھەتتا « 10 مىڭ» ئوقۇرمەن تېپىشتا قىينىلىدىغان ھازىرقىدەك ۋاقىتتا، 100 مىڭ كىشنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئائىلەم دۇچ كىلىۋاتقان مەسلىنى قايتا ئەسلىشى، بىلىشى ۋە قوللىشى -مەن ئۈچۈن ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتكەن جىنايەت تۇيغۇسى ئازاپنى ۋاقىتلىق يەڭگىللىتىىشى مۇمكىن. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۈزلىگەن دۇئالار ئۈچۈن رەھمەت.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تەرجىمە: دېموكراتچىلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر ختاينىڭ مۇسۇلمان ئازسانلىقلارغا قىلغان زۇلۇمى توغرىسىدا بېسىم قىلماقتا

جۈ سېنتەبىر 27 , 2024
نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى خەۋىرىدىن تەرجىمە: ئامېرىكىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە ختاينىڭ ئۇيغۇر ئازسانلىقلارغا قىلغان زۇلمىغا دىققەت قىلماقتا، ئەمما بايدېن ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىشقا ئۈندەشتە ئوخشىمىغان تاكتىكىلارنى قوللانماقتا.جۇلىيەن ئې. بارنېس ۋە كارون دېمىرجىيان دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر بايدېن ھۆكۈمىتىدىن ختاينىڭ ئۇيغۇر ئازسانلىقلىرىغا قىلغان زۇلمىغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلىپ بېسىمنى كۈچەيتمەكتە، ئەمما […]
دۆلەت مەجلىسى

You May Like