پارلامىنىت ئەزاسى ئارفىيە ئىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ختايغا قارشى كەسكىن سياسەت قوللىنىشقا چاقىرغان

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 16-سىىنتەبىر

ياپونىيە نىككى (ئېقتساد )خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان سياسى پارتيەسى لىبرال دىموكراتىيە پارتىيەسنىڭ ئۇيغۇر-ئۆزبەك ئەسلىدىن بولغان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئارفىيە ئىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ختايغا قارىتا كىشلىك ھوقۇق مەسلىسىدە كەسكىن تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.
ئۇ بۇ سۆزىنى ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن « سدېنى دىئالوگى » مۇنبىرىدە قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە ياپونىيەنىڭ ختاينىڭ جەنۇبى ختاي دېڭىزى ئەتراپىدىكى ھەدىدىدىن ئاشقان ھەرىكەتلىرىگە قارشى قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشىنى، شۇنداقلا «پاسسپ ئاساسى قانۇن»نى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان.

ئارفىيە ئىلى 2023-يىلى توكيۇنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر رايونغا ۋاكالىتەن سايلامغا قاتنىشپ ئۇتقان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى -كىين بولۇپ، ختاي ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياپونىيە بانكىسدا خىزمەت قىلغان.
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇنىڭ سايلىنىشى ھەققىدە ئىلان قىلغان خەۋىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىلھام بولغانىدى.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى 2021-يىلى سابىق تاشقى ئ‍شلار منستىرىنىڭ ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشلىك ھوقۇق سياسىتىدىن ئەندىشە قىلىمىز دەپ بايانات بەرگەن. كىين ياپونىيە 7 دۆلەت گەۋدىسى بىرلەشمە باياناتىدا ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسىتىنى تەنقىد قىلغان.ئەمما ئۇنىڭدىن كىين ھىچقانداق ئەمەلى تەدبىر قوللانغىنى يوق.

سۈرەت مەنبەسى: نىككى تورى

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like