«تىك توكنى چەكلەش ياكى ختايدىن چېكىنىش»قانۇن لايىھىسگە سوت ئىچىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 16-سنتەبىر

دۈشەنبە كۈنى تىك توك (TikTok ) ئۆزىنىڭ خىتايلىق ئانا شىركىتى Bytedance دىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ياكى ئامېرىكا دۆلەت مىقياسىدا چەكلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغان قانۇن لايىھەسىگە قارشى سوتتا ئۆزمەيدانىنى بايان قىلىدۇ.

بۇ ۋەقە نېمە ئۈچۈن مۇھىم: تىك توك (TikTok ) ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىن بىرى، Bytedance بولسا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پۇلغا يارايدىغان ختاي شركىتىدىن ئبارەت.

(Bytedance) كە ئامېرىدىكى ئۇنىڭغا مەبلەغ سالغۇچىلار تەرىپىدىن ۋېنچۇر نۇرغۇن پىكىرلەر بىرىلگەن ئەمما ھېچقايسىسى قوبۇل قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى تىك توكقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرلانغان ھەر قانداق چېكىنىشكە رۇخسەت قىلمىدى، ختاي بۇنى خەلقئارادا يۈزى تۆكۈلۈش دەپ قارايدۇ.

ختاي ئامېرىكا قانۇنىدىن پايدىلانماقتا

خۇددى يۈزلىگەن مېساللاردا كۆرۈنگەندەك، تىك توك شركىتى سوتتا بۇ قانۇننىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغانلىقىنى، ۋاقىت ۋە مۇرەككەپلىكى سەۋەبىدىن چېكىنىش تەلەپلىرىنىڭ «ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقى» نى دەلىللەيدۇ.

ئۇ يەنە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئەندىشىسىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، شىركەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ چەتئەل مەبلەغ سېلىش كومىتېتى (CFIUS) بىلەن بولغان خىزمىتى ئارقىلىق يېتەرلىك دەرىجىدە ھەل قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ جەرياننىڭ سىياسەت تۈپەيلىدىن توختاپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بۇنىڭغا قارشى ئامېرىكا ئەدلىيە منستىرلىكىنىڭ ئادوۋكاتلىرى بولسا، بۇ قانۇننىڭ سۆز ئەركىنلىكى ئەمەس، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە چېكىنىشنىڭ بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ.

قىزىقارلىق نۇقتا: ئادلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆججەتلىرىدىكى نۇرغۇن ئۇچۇرلار مەخپىيەتلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، سوت ھەيئىتىگە ئاشكارىلانغان، ئەمما TikTok قا ئاشكارىلانمىغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، TikTok نىڭ ئادۋوكاتلىرى بىر قەدەر قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈۋاتىدۇ.يەنى ئۇلارغا قارشى كۈچلۈك ئ‍سپات بار بولۇشى مۇمكىن.

يەنە تەكىتلەشكە تېگىشلىكى، سوت ھەيئىتى ئۈچ سوتچىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 62. بۇ TikTok ئارزۇ قىلغان ياش قاتلىمىدىكى تىك تىك ئ‍شلەتكۈچىلەر ئەمەس.

سىياسىي تەسىر: بۇ دەۋانىڭ نويابىر ئايدىكى سايلامدىن كېيىن ئاندىن قارار چىقىرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

سابىق پرېزىدېنت ترامپ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، گەرچە بۇ قانۇن لايىھەسى دۆلەت مەجسلىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن ۋە ترامپ ئۆزىمۇ ھوقۇقتا ۋاقتىدا تىك توكنى نى مەمۇرى بۇيرۇقى ئارقىلىق چەكلەشكە ئۇرۇنغان.

مۇئاۋىن پرېزىدېنت ھاررىس (Harris) بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويغان ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئەزاسى . ئەمما ئۇنىڭ سايلام شىتابى ئۇھازىرمۇ بۇنى قوللامدۇ-يوق دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرمىدى.

ھەر ئىككى سايلام شىتابىنىڭ TikTok ھېساباتى بار.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

پارلامىنىت ئەزاسى ئارفىيە ئىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ختايغا قارشى كەسكىن سياسەت قوللىنىشقا چاقىرغان

دۈ سېنتەبىر 16 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 16-سىىنتەبىر ياپونىيە نىككى (ئېقتساد )خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان سياسى پارتيەسى لىبرال دىموكراتىيە پارتىيەسنىڭ ئۇيغۇر-ئۆزبەك ئەسلىدىن بولغان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئارفىيە ئىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ختايغا قارىتا كىشلىك ھوقۇق مەسلىسىدە كەسكىن تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.ئۇ بۇ سۆزىنى ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن « سدېنى دىئالوگى » مۇنبىرىدە قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە ياپونىيەنىڭ ختاينىڭ […]
arfiya eri,ئارفىيە

You May Like