«ئاھىم»ناملىق ناخشا تارقىتىلدى

تۇتقۇندىكى ۋە سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ئىنگلىز ۋە فىرانسۇز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ ۋە ئۇلارنى ناخشا ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان مىركامىل ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى WTFkistan نىڭ ئۇيغۇرچە ناخشىسى <<ئاھىم>> بۈگۈن، يەنى 5-ئىيۇل كۈنى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15-خاتىرە كۈنىدە ھەرقايسى سۇپىلاردا تارقىتىلدى.

ئاھىم

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد شېئىرى

مىركامىل ئىجادىيىتى

كەزسەم خوتەننى، قەشقەردە ئاھىم.

ياش تۆكتى ئاقسۇ، مىڭ ئەردە ئاھىم.

ئىزدەپ تىنىچلىق بارسام ئىلىغا،

قانىتى بوغۇرق كەپتەردە ئاھىم.

ئاتۇشقا چىقسام تاشلار يېرىلدى،

جاندا بىلەنگەن شەمشەردە ئاھىم.

تۇرپاندا قەبرە، بولدۇم ھازىدار،

شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم.

كەزدىم ۋەتەننى ئون بەش چۆرگىلەپ،

ئون بەش تامچە قان مەھشەردە ئاھىم.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

رۇسىيە ئاۋىستىرالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەلىك 63 ئادەمنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى مەنئى قىلدى

دۈ ئىيۇل 8 , 2024
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ جاي ۋاقتى 26 – ئىيۇن تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاۋىستىرالىيەنىڭ رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش سىياسىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە 27 ئاۋىستىرالىيە پۇقراسى ۋە 36 يېڭى زېلاندىيە پۇقراسىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەيدۇ. باياناتتا مۇنداق دىيىلدى: ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتى ۋە يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەدىكى شەخسلەر ۋە قانۇنىي ئىگىلەرگە […]
روسيە

You May Like