رۇسىيە ئاۋىستىرالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەلىك 63 ئادەمنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى مەنئى قىلدى

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ جاي ۋاقتى 26 – ئىيۇن تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاۋىستىرالىيەنىڭ رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش سىياسىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە 27 ئاۋىستىرالىيە پۇقراسى ۋە 36 يېڭى زېلاندىيە پۇقراسىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەيدۇ. باياناتتا مۇنداق دىيىلدى: ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتى ۋە يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەدىكى شەخسلەر ۋە قانۇنىي ئىگىلەرگە سىياسىي غەرەز بىلەن قىلغان جازاسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن بۇ چەكلىمە ئېلان قىلىندى. يۇقىرىقى چېگرادىن كىرىشى چەكلەنگەن خادىملار سىياسىي پائالىيەتچى، ئاپپارات مەسئۇلى، شىركەت مەسئۇلى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، مۇخبىر ۋە ئاممىۋى ئەرباب قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

فىرانسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمى توغرىسىدا

دۈ ئىيۇل 8 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2024-يىلى8-ئىيۇل بۇ يىل ئىيۇننىڭ بېشىدا ئېلىپ بېرىلغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ فىرانسىيەدىكى سايلىمىدا رادىكال ئوڭچى پارتىيەلەر بىرلەشمىسى ئۇتۇپ چىقتى. نەتىجىدە پىرېزىدېنت ماكروڭ فىرانسىيە دۆلەت ئىچىدە ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ قايتا سايلام ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. فىرانسىيەدە تەدرىجىي باش كۆتۈرۈۋاتقان رادىكال ئوڭچى، مىللەتچى پارتىيەلەر بىرلەشمىسىگە قارشى بارلىق سولچى، ۋە […]

You May Like