كۈچەيگەن رېئاللىقتىكى 4D ئېلىپبەسى
ختاي ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلىش ھەرىكىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل، سەنئەت بايلىقىغا غايەت زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.بۇلارنىڭ ئىچىدە كۈچەيگەن رېئاللىق تېخنىكىسى 4D ئېلىپبەسى بار بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر شركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى جانلاندۇرۇش ساھەسدىكى مۇھيم ھەرىكىتى ئىدى.
تۆۋەندىكىسى ئەينى چاغدا مەزكۇر مەھسۇلات ھەققىدە تارقىتىلغان ئىلان:
كۈچەيگەن رېئاللىق تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىشلەنگەن، پەرزەنت تەربىيەسىىگە ئائىت تۇنجى مەھسۇلات 4D ئېلىپبەسى 32 خىل ھەرپنىڭ 114 خىل يېزىلىش شەكلىنى رېئاللىق بىلەن مەۋھۇم دۇنيانى بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەش ئارقىلىق، تەسۋىرلەش قىيىن بولغان مىساللارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، بالىلىرىمىزنى مول بولغان تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا باشلاپ كىرەلەيدۇ. بالىلىرىمىز ئويۇن ئويناش شەكلى بىلەن ئۈچ خىل تىلدا ئاددىي ساۋاتقا ئىگە بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئۆگىنىش شەكلى ئائىلىدە ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلىرىمىز ئوتتۇرسىدىكى ئارلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئىناق ئائىلە مۇھىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرالايدۇ.
4D ئېلىپبەسى بىر مەھسۇلات بولۇپ قالماستىن بۇ بىر مەسئۇلىيەت، بۇ بىر ئېلىپبە تارىخىدىكى زامانغا ماس بولغان يېڭىلىنىش. بۇ مەدەنىيەت-مائارىپ ساھاسىدىكى بىر ئىلگىرلەش. بۇ كۈچەيگەن رېئاللىقتىكى قوبۇل قىلمىسا بولمايدىغان بىر ھەقىقەت.