ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 09-دېكابىر
فىرانسىيە تەنتەربىيە ۋە مائارىپ مىنىستىرى ژاڭ مىشەل بلاڭكې Jean-Michel Blanquer بۈگۈن فىرانسىيەدىكى خەۋەر قانىلى BFMTV نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، فىرانسىيەنىڭ ئامېرىكا، ئاۋسترالىيەلەرگە ئوخشاش ئۇسۇلدا بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە فىرانسىيەنىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن:« تەنتەربىيە ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر ساھە، بىز سىياسەتنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشىشىدىن ساقلىشىمىز كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا تەنتەربىيە ئۆزىنىڭ تەرەققىيات نىشانىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ شۇنداقلا ئاخىرىدا بارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغان بولىمىز. ئەمما بىز چوقۇم خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىشىمىز كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە كەلگەندە مۇۋاپىق پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز كېرەك… » ئۇ ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىغا بارمايدىغانلىقىنى ئەمما مەخسۇس تەنتەربىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىر ۋەكىلى روكسانا ماغاسەڭنۇ خانىمنىڭ فىرانسىيەگە ۋاكالىتەن بېيجىڭغا بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۆ دۆغىياڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە بۈگۈن مۇخبىرلارغا جاۋاب بېرىپ: « بىز بۇ ھەقتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۆرۈشۈشىدە ئايرىم مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىشىمىز مۇمكىن، بۇ مەسىلە ھەققىدىكى قارارىمىزنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق پوزىتسىيەسىنى ئالغاندىن كېيىن ئېلان قىلىمىز» دېگەن.
مەنبە: فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» Le figaro
ئارمان تەييارلىغان