زۇمرەتئاي ئەركىن ئامېرىكا سابىق پىرەزدىنتى فىرانكلىن روزىلۋىىت فوندىنىڭ 2024-يىللىق «ئېتىقاد ئەركىنلىكى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

تەييارلىغۇچى: تۇرسۇنئاي، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

1941-يىلى سابىق ئامېرىكا پىرەزدىنتى فرانكلىن روزىۋىلىت تەسس قىلغان تۆت ئەركىنلىك مۇكاپاتى ئۇنىڭ نامىدا قۇرۇلغان «روزىلۋىت فوندى» ئارقىلىق ھەر يىلى دۇنيا بويلاپ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە كۆرەش قىلغان تۆھپىكارلارغا تۆت ساھە بويىچە «سۆز ئەركىنلىكى»، «ئېتىقات ئەركىنلىكى»، «مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلۇش» ۋە «تەھدىتتىن قۇتۇلۇش»مۇكاپاتلىرىنى تارقېتىدۇ.

بۇ يىلى مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى»مۇكاپاتى تۈرى -دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى خەلقئارا ھېمايىچىلىق پىروگراممىسى دىرىكتورى ، ئۇيغۇر قىزى زۇمرەتئاي ئەركىنگە بىرىلگەن.

مەزكۇر فوندى ئىلان قىلغان ئاخباراتقا ئاساسلانغاندا، زۇمرەتئاي ئەركىن 11-ئاپرىلدا باشقا ئۈچ كىشى بىلەن بىللە مۇكاپات قوبۇل قىلىدىكەن.

مەزكۇر ئورگان مۇكاپات بىرىش سەۋەبىدە، زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيدىكى خىزمەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى ۋە ئىنسانى ھوقۇقى ، مەدەنىيتىنى قوغداش جەھەتتە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى تەقدىرلىگەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ۋېرجىنيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كونا ئىككى ئادوۋكات دوستلىرى بىرايىن ۋە دانىيال بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بىرىلدى

پە فېۋرال 1 , 2024
ئەخمەتجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-فېۋرال ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ تەشكىللىشى بىلەن فايىر فاكىسقا جايلاشقان ئۇيغۇر مەركىزىدە، ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى پاناھلىق ئىلتىماس ئ‍شلىرىدا، ئادوۋكاتلىق مۇلازىمىتى تەمىنلەپ كەلگەن ئىككى ئامېرىكىلىق داڭلىق ئادوۋكات بىرايىن ۋە دانيال بىلەن كۆچمەنلىك ئ‍شلىرى، سياسى پاناھلىق ئىلتىماسى جەريانى ۋە تەرتىپلىرى، ئىلتىماس قوبۇل قىلىنىشنىڭ كۈچلۈك ئاساسلىرى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئىلىپ […]
ئەلفىدار

You May Like