ئەزىز قىرىنداشلار، نۆۋەتتە ھەممە يەردە كىشلەر ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە بەك سوغۇق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بەك خەتەرلىك، ئۆز-ئارا مۇھەببەت قالمىغاندا، مىللەتتىن يىراقلىشمىز، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇمىز كەلمەيدۇ، ۋەتەندىكىلەرنى تېخىمۇ بەك ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.مىنڭ ئاددى تەكلىۋىم، چوڭلىرىمىز،ئۇستازلىرىمىز، جامائەت ئەربابلىرىمىز-خەلقىمىزنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىسى، مىھىرى-مۇھەببىتى،ھۈرمىتى،ئۆز-ئارا رىشتىسنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان چارىلەرنى ئويلانسا دىگەن ئۈمىدتىمەن. توغرا، ھەممىمىز ئۆز غىمىمىز بىلەن ئالدىراش ، ياكى كۆزىمىزگە باشقىلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن بەكرەك يامان تەرىپى كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى پاسسپ گەپ ۋە ئىنىرگىيەلەر ھەممىمىزنى باشقىلاردىن قاچىدىغان قىلىپ قويدى،دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بىز ھازىر ھەممىز قايتا ئويلىنىشقا مۇھتاج، نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولۇپ قالدۇق؟ بىز قەتئى مۇستەھكەم دەرىجىدە بىرلىشەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ھازىرقىدىن سەل ياخشىراق بولالمامدۇق؟ پەقەت كۆڭۈل ئىچىش تېپىدىكى چوڭ يىغىلىشلاردا كۇلۇۋىلىش ئۈچۈن جەم بولغاندىن باشقا، بىر-بىرىمىزگە سەمىمى، ئىچىمىزدىن چىققان قىرىنداشلىق، مىللى ۋە ئنسانى مىھىر بىلەن قارىيالمامدۇق؟ ياخشى ئشلارنى تەقدىرلەپ، ئىجابى، مىللىتىمىزگە پايدىلىق ئش قىلىۋاتقان نۇرغۇن ھەدە-سىڭللىرىمىز،ئاكا-ىنىلىرىمىزغا ھىچبولمىسا بىر جۇملە سۆز بىلەن ياكى سالام بىلەن ياكى تىلفون بىلەن ئىلھام بىرىپ، ئىجابى ،جۇشقۇن، روھلۇق بىر ھالەتكە قايتالمامدۇق؟ بىر-بىرىمىزنىڭ خۇشاللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەپ، قايغۇسى ئۈچۈن قايغۇرىدىغان بىر ھالەتكە قايتالمامدۇق؟
ھازىر شۇنچە كۆپ كىشلەر بار، مەسلىھەتكە مۇھتاج.ياردەمگە مۇھتاج، نۇرغۇن كىشلەر بار،ئۈمىتسز، ھەسرەتكە تولغان،بىر ئادەم بىلەن مۇڭدىششقا مۇھتاج،دەرت تۆكۇشكە مۇھتاج. تۆكۈلۈپ-تۆكۈلۈپ يېغلىۋىلىشقا مۇھتاج.
نىمە قىلىشنى بىلمەيۋاتقان،تېڭىرقاۋاتقان ياشلىرىمىز تېخىمۇ كۆپ.
ئۆيسز-ماكانسز، تاماقسز، ھەمراھسز مىڭلىغان قىرىنداشلىرىمىز بار.كىمگە دىيشنى،كىم بىلەن سۆزلىششنى بىلمەيۋاتقان تۇققانلىرىمىز سوسيال مېدىيالاردا دەرت-تۆكۈپ،ياردەم تاپالماي،ياكى مەسخىرىگە .ئۇچراپ، ئاخىرى سۇكۇتنى تاللىغانلار بار.
ياخشى ئش قىلغانلار ياكى مىللەتنىڭ خىزمىتىنى قىلغانلار-تاپا-تەنە، مەسخىرىلەر، دۈشمەنلىك،ھاقارەتلەر تۈپەيلىدىن ۋاز كەچكەنلەر بار.
ئۇيغۇرلار ئارا ئۇششاق گەپ، دۈشمەنلىكتىن قىچىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىششتىن ۋاز كەچكەنلەر بار.
بۇ مىللىتىمىزنىڭ يىراق كەلگۈسى ئۈچۈن خەتەرلىك.
ھازىر كىشلەر-مىللەتنىڭ خىزمىتىگە، ۋەتەننىڭ دەردىگە، تەشكىلاتلارنىڭ چاقىرىقلىرىغا، پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىگە بۇرۇنقىنىڭ 10دىن بىرىدەكمۇ قىزىزىقمايدىغان بولۇپ قالدى.ھەر قانداق ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، مىللەتنى تەنقىد قىلىدىغان، ئۆچ كۆرىدىغان، نەپرەتلىنىدىغان گەپلەر، بۇلار ھەممىمىزگە تەسر قىلىپ ،كاللىمىزنى غىدىقلاپ، پۇتۇنلەي سەلبىى خيال،سەلبى باھاغا مەجبۇرلايدۇ.
ئەگەر سەل قارىساق، تېخىمۇ ئىغىر ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
ئۆچمەنلىكنى، نەپرەتنى يوقۇتۇش-مىللەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ئاساسى ئۈچۈن مۇھىمدۇر.
بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش-مىللەتنىڭ چوڭلىرىغا قالدى.
ھۈرمەت بىلەن ئۇيغۇرىئان، 12-يانۋار.