گۈلنار ئىمام
توردىن ئىلىنغان يازمىلار ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ)
خىتاي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا «مانا ۋەتىنىڭ. ۋىجدانسىز بولساڭ كەل» دەپ چوڭ يەمچۈكنى تاشلىدى. ئەمدى ئېنىقكى ئىككىگە ئايرىلىمىز.
ئۆتكەن يەتتە يىلدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى يازسا نەچچە كىتابمۇ يەتمەيدۇ. شۇنچە خورلۇقلارنى ئۇنتۇپ، مۇشۇنداقلا بولدى قىلىپ ۋەتەنگە بېرىپ كېلىشنى – بارلىق تارتقان خورلۇقلىرىمىزنى، تۇتۇلغان، قىينالغان، ئىچكى ئەزالىرى تىرىك سۇغۇرىۋېلىنغان، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان، قۇل قىلىنغان، ئىتتىنمۇ قەدىرسىز ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن (جېنى بىزنىڭكىدەكلا قىممەتلىك بولغان) شۇ ئەزىز جانلارنى ئىنكار قىلىش، خىتاينىڭ شۇ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش دەپ بىلىمەن.
– بارسام ۋەتەنگە باردىم، ئۆزۈمنىڭ ۋەتىنى، بېرىش ھەققىم بار. شۇڭا باردىم…دېيىشلەر، بارسام ئانام، دادامنى كۆرگىلى باردىم… باشقا ئىشقا ئارىلاشمىدىم دېگەنلەر…
ۋەتەن شۇ خورلانغان جانلارنىڭمۇ ۋەتىنى ئەمەسمىدى؟ شۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، بالا – چاقىسى يوقمىدى؟ ئۇلارنىڭ بىر ئىنسانلىق قەدىر – قىممىتى بولمىدى. ئېسىت، خورلانغان شۇ جانلار. ئويلىسا ئادەمنىڭ باغرى قان بولىدۇ…
ۋەتەنگە تاقىلداپ بېرىشلەر، قايتىپ كېلىپ ھېچنېمە بولمىغاندەك ئۇيغۇرنىڭ سورۇنلىرىغا باش تىقىپ كىرىشلەر، ھېچ ئىش بولمىغاندەك شۇ ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەنلەر بىلەن مېھماندارچىلىق ئويناپ يۈرۈشلەر…
بۇ خەلقتە مەيدان نېمە قىلسۇن. يۇمىلاق تاۋۇزنىڭ ئۆزى. بارسەم نېمە، كەلسەم نېمە… يەنە ئارىغا ئېلىۋېرىدۇ دەپ قورقمىسا كېرەك شۇ بارغانلار. مانا بىزنىڭ ھالىمىز.
ئادەم دېگەننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپمۇ كېتىدۇ. ئاپىرىپ كۆمۈپ قويۇپ، ھاياتنى داۋام قىلىمىز. ئۆلمەيمىز. يەنە قايغۇنى، سېغىنىشنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ داۋاملىق ياشايمىز. شۇنچىلىك غەيرىتىمىز بولسا، ئۇنىڭغا ۋىجدانلىق بولۇشنى قاتساق، خىتاينىڭ بۇ يەمچۈكىگە ئىلىنىپ كەتمەي، بۆلۈنۈپ كەتمەي، بۇ ئېغىر كۈنلەردە يەنە بىر – بىرىمىزگە يار يۆلەك بولۇپ ئۆتۈپ كېتەلەيتتۇق…
بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بەلكىم ئۆلگىچە ۋەتەن تۇپراقلىرىغا دەسسىيەلمەيدۇ. ئۆيدىكىلىرىنى كۆرەلمەيدۇ، ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالمايدۇ. لېكىن، ئۇلار ھەر لوقما ناننى ۋىجدانى ئازابلانمىغان ھالدا يۇتىدۇ. ئاخشىمى ۋىجدانى راھەت ئۇخلايدۇ. ئۆلگەندە راھەت كۆز يۇمىدۇ.
بۇ ئىشلارنىڭ بۇ دۇنيادا سورىقى بولمىسا، ئۇ دۇنيادا سورىقى بولىدۇ. دېمىسىمۇ شۇنداققۇ؟ بۇنى كىم ئىنكار قىلالايدۇ؟