شىۋېتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھىرىدىكى تارىخى چېركاۋدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 28-ئۆكتەبىر
26-ئۆكتەبىر زۈرىخ شەھىرىدىكى قەدىمى قوش مۇنارلىق چېركاۋدا « شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى» تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەت ئەسلىدە شىۋېتسارىيەلىك يازغۇچى تىنا ھاككېرمەن خانىمنىڭ «قاچقۇن ئاياللار» ناملىق كىتابىنىڭ تونۇشتۇرۇش يىغىنى بولۇپ، تىنا خانىم بۇ كىتابىدا ئۆز ۋەتىنىدىكى زۇلۇم، ئۇرۇش، ۋە دىكتاتور رېجىمدىن قېچىپ چىققان يۈزلەرچە ئايالنىڭ ھېكايىلىرى، سەرگۈزەشتلىرى تونۇشتۇرۇلغان.
مەزكۇر كىتابتا يەنە لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ ھايات ھېكايىسى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىمۇ ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن خەرىتىدىمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ نامىنى «شەرقى تۈركىستان» دەپ ئالغان. يازغۇچى تىنا خانىم پائالىيەت جەريانىدا يەنە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.
«شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» بۇ پائالىيەتكە يېقىندىن ماسلاشقان بولۇپ، سايراگۈلنىڭ تەرجىمانلىقىنى قىلغان جەمئىيەت رەئىسى ئەندىلى ئەپەندىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن پائالىيەت جەريانىدا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى»نىڭ رەقەملەشتۈرۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسى بىرگە ئېلىپ بېرىلغان.
پائالىيەت ئاخىرىدا يىغىنغا قاتناشقان ئىشتىراكچىلار لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ رەسىملىرىنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ، رەسىم ئاستىدىكى كودنى سىكانلاپ «شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى» تور بېتىنى زىيارەت قىلىپ قاتتىق چۆچۈپ كېتىشكەن، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەس-بەستە سوئاللار سورىشىپ شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان چۈشەنچىگە ئىگە بولغان.