ھەر يىلى 300مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچى ئامېرىكىغا 15 مىليارد دوللار كىرىم يارىتىدۇ

ھەر يىلى 300مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچى ئامېرىكىغا 15 مىليارد دوللار كىرىم يارىتىدۇ

 ھەر يىلى 300مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچى ئامېرىكىغا 15 مىليارد دوللار كىرىم يارىتىدۇ

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى2022-يىلى 13-ئاۋغۇست

ئامېرىكا فوربس خەۋەرلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى جەلپ قىلىشتا ياۋروپا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ئەنگلىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويماقتا ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبلىرى، ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئېرىشىشنىڭ تەسلىكى، جايلىشىش رەسمىيىتى قاتارلىقلار بولۇپ، ئامېرىكا بۇلارنى جىددىي ئىسلاھ قىلىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ زور ئوقۇغۇچى مەنبەسى بولۇپ، يىلىغا 300مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا 15مىليارد دوللاردىن ئارتۇق كىرىم يارىتىپ بېرىدىكەن. تىرامپ دەۋرىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋىزا بېرىش سىياسىتى تەسلەشكەن بولۇپ، بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتنى يېنىكلەشتۈرمەكتە.

بۇنىڭ ئارقىسىدا، ئامېرىكا مائارىپشۇناسلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار بار بولۇپ، ئۇلار خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى چەكلەش ئامېرىكىنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى چېكىندۈرىدۇ. ئامېرىكا ئىقتىسادىغا زىيانلىق، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى توسۇپ قويىدۇ دەپ قارىغان.

ئەمما خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى -ئامېرىكىدىن نۇرغۇن تېخنىكا ئىگىلەش بىلەن بىرگە،بۇ تېخنىكىنى ئامېرىكىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلىتىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مەشھۇر ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇقادىر داموللام خاتىرىسىگە

يە ئاۋغۇست 14 , 2022
ئالىملار ئۆز ئىلمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا، ئۇلارنىڭ ھەربىر لەۋزىدىن قەنت-شېكەر تامسا، ئالەم نۇرغا تۇلۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسى يۇرۇيتى. بۇ غەپلەت زامانى ئەمەس، ئويغىنىش زامانىدۇر ئابدۇقادىر داموللام ھىكمەتلىرىدىن

You May Like