ئامېرىكا ۋېرگىنىيەدە ئۇيغۇر مەسچىتى رامزاندا ئېچىلدى. تۇنجى كۈنى 237مىڭ دوللار ئىئانە يىغىلدى
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 2-ئاپرېل
ۋېرگىنىيە شتاتىنىڭ فاير فاكس شەھىرىدە ئۇيغۇر مەسچىتى ئېچىلدى.
2-ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى 100 ئەتراپىدا ئۇيغۇر جامائىتى جەم بولۇپ مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئېچىلىشنى تەبرىكلىدى ۋە دۇئا تىلاۋەت قىلدى.
مەزكۇر ئۇيغۇر مەسچىتكە ئىدارە ھەيئىتى ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى »نامىدا ئورگان تېزىمغا ئالدۇرۇلغان بولۇپ، ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىبادەت ۋە دىنى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم سورۇن بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
قىرائەت ۋە تونۇشتۇرۇشلاردىن كىيىن، مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئىجارە ھەققى ۋە كېيىنكى سېتىۋېلىش پىلانلىرى ئۈچۈن جامائەتتىن ئىئانە يىغىلغان بولۇپ، قىسقىغىنە بىر سائەت ئىچىدە 237مىڭ 500 دوللار ياردەم يىغىلغان.
مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرى ئۈچۈن تور بېكەت ئادرېسى: