يۈسۈپ قۇدۇقتىن چىقىدىغانغا ئاز قالدى

يۈسۈپ قۇدۇقتىن چىقىدىغانغا ئاز قالدى

يۈسۈپ قۇدۇقتىن چىقىدىغانغا ئاز قالدى
ئاپتورى: سەھەر
 

گۈلشەن ئابدۇقادىر خانىمنىڭ فەيسبۇك بېتىدىن ئېلىندى

 
مۇقەددىمە
ئاتۇشلۇق سودىگەر، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەڭ يېقىن سەبدىشى ئاتۇش تېجەن مەكتىۋىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان بوۋام سەمەرباي 1933-يىلى 11-اينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ تۇنجى چېلىنغان ئىستىقلال مارشىمىزنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولغان ئىكەن. دادام ئابدۇقادىر سەمەر 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان 2- قېتىملىق جۇمھۇريىتىمىزگە شەرەپ ۋە ئىپتىخار بىلەن شاھىت بولغان ئىكەن. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالىتى ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر سوت مەھكىمىسى دۇنياغا ئېلان قىلغان خىتتاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىغى ۋە ئىنساننىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزىۋاتىدۇ دىگەن تارىخى بىر ۋەقەگە شاھىت بولۇپ تۇرۇپتىمەن. خۇددى قاتتىق يامغۇردىن كېيىن قۇياش كۆتۈرۈلگەندە پارلىغان كانادانىڭ چىنار يوپۇرماقلىرىدەك مەغرۇرمەن بۈگۈن.
ئۇيغۇر خەلقى يېڭىدىن ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قايتا تۇغۇلغۇسى
ئۇيغۇر خەلقى يېڭى بىر تارىخى بۇرۇلۇش دەۋرىدە تۇرماقتا. ئۇيغۇر خەلقى دۇنيا يۈزىدە يېڭى تۇغۇلغان بىر يۇلتۇز بولۇپ چاقناش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇيغۇر خەلقىنى پارلاق بىر كېلەچەك كۈتمەكتە. بىزنىڭمۇ خەيىر خوش خىتتاينىڭ قاراڭغۇ جازا لاگىرى دەيدىغان، ئاھ ۋەتەن دەپ ۋەتەن تۇپراقلىرىنى كۆزلىرىمىزگە سۈركەيدىغان كۈنلىرىمىزگە ئاز قالدى . قىسقىسى قۇدۇق ئاستىغا تاشلىۋېتىلگەن يۈسۈپ ئەلەيكىسالامنى قۇدۇقتىن چىقىرىپ مىسىرغا ۋالى، دىھقانچىلىق مىنىستىرى ، مىسىرنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەزىزى قىلغان ئاللانىڭمۇ ئۇيغۇر خەلقىنى، خىتاي ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلىرى ۋە جازا لاگىرلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن بېرىدىغان كۈنلەرگە ئاز قالدى.
چال سازىڭنى ئەي تارىم زەرەپشان ئىلى سايرام، ئەي شامال يەتكۈز دۇنيا ئادالىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى سۈكۈناتىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىق خەۋىرىنى 20 يىلدىن بۇيان ھەسرىتىنى قىلىپ داۋاسىنى قىلىپ ياقا يىرتىپ ناۋاسىنى قىلىپ بىر كۆرۈشكە تەشنا بولۇپ ياشىغان ۋەتەن تۇپراقلىرىغا. يەتكۈز ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ پاكىتلىرى بولغان جازا لاگىرلىرىنىڭ ھەر بىر قاراڭغۇ كامىرلىرىغا، تۈرمىلەرگە، شىۋىرلا تۆمۈر رىشاتكىلارغا، دەرۋازا قۇلۇپلىرىغا، سىم توساقلارغا، يۈز تونۇش ئەسۋاپلىرىغا، كىشەن تاقاقلارغا، قوشماق تۇققانلىرىمىزغا بۇ بىر دەۋىرنىڭ ئاخىرلىشىپ يېڭى بىر ئۇيغۇر دەۋرىنىڭ باشلىنىدىغانلىق سۈبھىسىنىڭ كېلىش ئالدىدا ئىكەنلىگىنى. ئەي ئاقباش بۇغدا، قارا قۇرۇم پامىر تەڭرىتاغ يۇلغۇن قىزارغان دالىلار، 5-فېۋرال كۈرەشچىلىرىنىڭ قېنى تۆكۈلگەن، پەنجىم، خۇدىياريۈزى ، توخۇچىيۈزى ، ئاق ئۆستەڭ بويلىرى دەس تۇر ئورنۇڭدىن. سېنى ھۆرلۈك ئەركىنلىك پەرىشتىسى يوقلاپ كېلىدۇ. ئەي ۋەتەننىڭ غۇرۇر دەرياسى، جاسارەت ۋە قەھرىمانلىق دەرياسى ھىساپلانغان ئىلى دەرياسى بويىدىكى كاككۇك گۈللىرى 2022-يىلى باشقىچە ناز بىلەن باشقىچە گۈزەللىگىڭ بىلەن، ئانا تۇپراقنى تېخىمۇ مەھكەم قۇچاغلاپ ئېچىل ! چۈنكى بۇ زىمىن سېنىڭ ئىدى بۇ قېتىم تېخىمۇ كۈچلۈك ھالدا سېنىڭ بولغۇسى!
2021-يىلى دېكابىر ئايلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆۋلەتلەر، ئادالەت دىۋانلىرىدىن كىشىنى خوشال قىلىدىغان ئۈمۈتلەندۈرىدىغان خەۋەرلەر ئارقا ئارقىدىن كېلىدىغان تەلەي ئېيى بولۇپ قالدى. بۇ ئايدا ئامېركا ، كانادا، ئەنگىليە…،قاتارلىق دۆۋلەتلەر خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن دىپلوماتىك بايقۇت قىلغانلىغىنى ئېلان قىلدى ئارقىدىنلا ئامېركا ئاۋام پالاتاسى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرى ئەمگەكنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى قانۇن لايھەسىنى تەستىقلىدى.
12- ئاينىڭ 9-كۈنى ئەنگىلىيەدە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى دۇنيا مەتبۇاتلىرى ئالدىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېرقىي قىرغىنچىلىق شۇنداقلا، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۋاتقانلىغىنى ئېلان قىلدى . دىمەك ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سۈكۈناتقا چۆمۈپ توپا بېسىپ قېلىشقا ئاز قالغان دۇنيا ئادالىتىنىڭ چاقى ئۇيغۇر- ئۇيغۇر دەپ چۆگىلەشكە باشلىغان ئىدى. ئۇيغۇرلار 2016-يىلىدىن بۇيان بۇ ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمىدى. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي چارچىغان ھالسىران ۋە ئۈمۈتسىزلەنگەن ئىدى. ئاخىرى بىز تۈگىشىدىغان بولدۇق، مىللەت سۈپىتىدە قىرىلىپ تۈگەيدىغان بولدۇق دىگەن مىنۇتتا بىر ئۈمۈت نۇرى غەرىپتىن پارلىدى . ئىنسانلىق ۋە ئادالەت نىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىغىنى بىلدۈرىدىغان خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى. ئەي دېكابىر خاسىيەتلىك دېكابىر بۇندىن 33 يىل بۇرۇنقى 12-دېكابىر ئۈرۈمچى ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنى ئېسىمگە سالىدىغان ئاق يېغىنلىق دېكابىر سەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئۈمۈت ۋە تارىخى كۈن بولۇپ قالدىڭ.
2016-يىلى خىتتاي ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تۈگۈتۈش مەخسىدىدە جازا لاگىرلىرىنى قۇرغاندىن بۇيان، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمىدى. چاپمىغان يېرى كىرمىگەن تۆشۈگى قالمىدى. ئۇرۇق تۇققان ئاتا ئانىلىرى ھەققىدە گۇۋالىقلار بەردى. ب ب س قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. تۋىتتىر، يۈز پۈتۈك ۋە باشقا ئىجدىماى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلاتماقچى بولدى پارلامىنت ئەزالىرىغا خەتلەر يازدى. خەشتاغ ئۇيغۇر ھەركىتى قوزغاتتى . دۇنيانى قاپلىغان، بىر ئۇچى نەۋيوركتىكى بىرلشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىدىن باشلىنىپ يەنە بىر ئۈچى ئاۋۇستىرالىيە، تۈركىيە ۋە ياۋرۇپانى قاپلىغان بىر ئاۋاز بىر قەدەم ئاياللار نامايىشى ئورۇنلاشتۇردى. چەنجى ئورگدا ئىمزا توپلاش پااليەتلىرى ئېلىپ باردى. يالغۇز كىشىلىك نامايىشلار، ئاىلەم قەيەردە نامايىشى، فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىجدىكى مەيدانلاردا گوللاندىيەدىكى دام مەيدانىدا ، ۋاشىنگىتوندىكى ئەركىنلىك مەيدانىدا، جەنۋەدىكى بىر پۇتى يوق ئورۇندۇق مەيدانىدا، مىيۇنخىندىكى بۈۋىمەريەم مەيدانىدا، ئوتتاۋاداكى پارلامىنت بىناسى ئالدىدا ، تورونتودىكى مەيدانلارغا ئۇيغۇرلار سەل بولۇپ تۆكۈلەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما خېلى يامان ئەمەس تۆكۈلدى. بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋرۇپا بىرلىگىنىڭ دەرۋازىلىرى جىددى قېقىلدى . ئويغاقلار بولغىنىدەك ئۇخلاۋاتقانلارمۇ بولدىٜ ئۇيغۇرلار بوغۇزلاش ئالدىدىكى قويدەك تىپىرلاپ كەتكەن ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار ئاخىرى بىر كۈننىڭ بولىدىغانلىغىغا ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ بىلەن قاراپ قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىشلار ۋە يوللارنى سىناپ بېقىشقا باشلىغان ئىدى.
دۇنيانى توپان بالاسى قاپلىغاندىمۇ نۇھنىڭ، دۇنيانى ھاياتلىقنى قايتىدىن ئىنشا ئېتىدىغانغا بولغان بىر ئۈمۈدى بار ئىدى. ئۈمۈت ئىماندىر.نوھ كېمىسى ئەسلىدە ئۈمۈت كېمىسى ئىدى. ئاللا ھىچقاچان ئىمانغا ئايلانغان ئۈمۈتلەرنى تارىخلار بويىنچە يوققا چىقارغان ئەمەس. ئۈمۈت سەن ۋە سەندىن كېيىنكىلەرگە دەل تۈگەشتىم دىگەن چاغدا بىر ئۈمۈت نۇرىنىڭ تۇغىدىغانلىغىنى بۇ ئۈمۇۇت نۇرىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئۈمىدىنى ئۈزمىگەنلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپات ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەنە ئاشۇنداق ئۈمۈدىنى ئۈزمىگەن يەنە كېلىپ ئۈمۈدىنى ياشناتقان بىر مىللەتتۇر. ئۈمۈت ئىككىگە ئايرىلىدۇ بىرى ۋەتەندىكىلەرنىڭ ئۈمۈدى بولغان ئىنسانلار ياشناتقان ئۈمۈت يەنە بىر ۋەتەندىكىلەرنىڭ ئۈمۈدىنى يوققا چىقارغان ئىنسانلار ياراتقان ئۈمۈتسىزلىك. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغۇچىلار ، ئۇيغۇر سوتىنىڭ نەتىجىسىگە خۇددى دۈشمەن تىلى بىلەن باھا بېرىۋاتقانلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ې ن د كېلىدىغان ياردەمنى ئۈزۈۋېتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلار ۋەتەندىكىلەرنىڭ ئۈمۈدىنى سۇغا چىلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلار جۈملىسىدىندۇر.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جەڭچىلىرى ۋەتەننىڭ ۋە خەلقىنىڭ ئۈمۈدى بولۇۋاتقان لاردۇر. ئۇلار ئۈمۈتنى دۇنيا سەھنىلىرىگە كېڭەيتكەنسىرى ئۇلارنىڭ ئۈمۈدلىرى تېخىمۇ يۈكسىلىشكە باشلىدى. ئۇيغۇر سوتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان كۈنى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىشىمىز ئەمدى باشلىنىدۇ دىيىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرنىڭ پارلىغان ئۈمۈدى بولۇش يولىنىڭ مۇستەھكەم قەدەملەر بىلەن داۋاملىشىدىغانلىغىنىڭ بىشارىتىدۇر. يوللار ئوچۇق قىلىچلار كەسكىن بولسۇن.
9-دىكابىر كۈنىنىڭ خەلقارا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىغى كۈنى قىلىپ بېكىتىلىشى خۇددى بۈركۈتنىڭ تاۋلانغاندىن كېيىن قايتا تۇغۇلغىنىدەك ، ئۈمۈت ۋە ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە تاۋلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى بىر ئۇيغۇر ھالىتىدە دۇنيامىلللەتلىرىنىڭ قاتارىغا قوشۇلىدىغانلىغىنىڭ بىشارىتىدۇر. ئۈمۈت ئەسلىدە قانداق بىر نەرسە ؟ ئۈمۈت ئىجابىلىق دىمەكتۇر ئۈمۈت ۋەتىنى ۋە مىللىتىنىڭ تەغدىرىنى دۈمبىسىگە ھاپاش قىلىپ پراگدىن فرانسىيەگە، فرانسىيەدىن گىرمانىيەگە، گىرمانىيەدىن خالىفاكىسقا، ئوتتاۋاغا، ۋاشىنگىتونغا، نىۋيوركقا ئۇچماق دىمەكتۇر. دولقۇن ئەيسانىڭ بىر مەشھۇر سۆزى بار ۋەتەن داۋاسىدا سەۋىيە ۋە دىپلومغا قارىغاندا پىداكارلىق مۇھىم دەيدىغان ئەسلىدە ئۈمۈت سەبىر تاقەت بىلەن بىرلەشكەن پىداكارلىقتۇر. خەلقىنىڭ ئۈمۈدى بولۇش دىگەن نىمە؟ ھەر 72 ساەتتە بىر قېتىم كورونا سىنىغى قىلىدىغان تەجىربەخانىلاردا قاتراپ يۈرۈش.
ۋىرۇس ئەۋىج ئالغان خەتەرلىك دۆۋلەتلەرگە بېرىشقىمۇ قىلچە ئىككىلەنمەسلىك. بۇ ئۈمۈت بىلەن ئىماننىڭ بىرلىشىشى دىمەكتۇر. ئەتراپلىرىغا مىللىتىگە ئۈمۈت نۇرى چاچىدىغان كىشىلەر ھەر بارغان جايىدىن ۋەتىنى ۋە مىللىتىگە ئۈمۈت نۇرى بېرىدىغان خەۋەرلەردىن گۈلدەستىلەر تىزغان بولىدۇ. خەلقىمىز ياپىلاق تىلىدا بۇنداق كىشىلەرنى “ئايىغى ياراشقان” دەپ تەرىپلىشىدۇ. ئايىغى ياراشقان كىشىلىرىمىز ھەم ھەر يەرگە ئۈمۈت نۇرى چاچقان كىشىلىرىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ سېۋەتلىرى ھەر ۋاقىت ئۈمۈت مىۋىلىرى بىلەن تولغان بولىدۇ.
شۇنداق يۈسۈپ قۇدۇقتىن چىقىدىغانغا ئاز قالدى. 21- ئەسىردىكى خىتتاي قىرغىنچىلىغىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ، كونا قاسراقلىرىنى تاشلاپ، نىمىنىڭ ھەق نىمىنىڭ ئادالەت نىمىنىڭ مۇسۇلمانلىق، نىمىنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىق، نىمىنىڭ مەنپەەت ئىكەنلىگىنى خۇددى پولات تاۋلىغاندەك تاۋلاپ، كۈچلۈك بىر شەكىلدە دۇنيا ئالدىدا قايتا تۇغۇلىدىغان كۈنلەرگە ئاز قالدى. ئۇ چاغدا خىتتاي 45 مىليارت ئامېركا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ يۈرىگىنى تېشىپ ئۆتۈپ قۇرغان، قەشقەرنى گۇادا پورتىغا تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ توغرىسى شەرقى تۈركىستاننى گۇادا پورتى ئارقىلىق ھىندى ئوكيانغا، ھىندى ئوكيان ئارقىلىق دۇنياغا تۇتاشتۇرىدىغان خىتتاي پاكىستان ئىختىسادى كارىدورىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان بولىدۇ. بۇ كارىدورنىڭ ئىسمى شەرقى تۈركىستان پاكىستان ئېختىسادى كارىدورى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختا يەنە بىر قېتىم يېڭى ئىپەك يولىنىڭ ھەقدار ئىگىلىرىگە ئايلىنىدۇ. شەرقى تۈركىستاننىڭ دېڭىز ئوكيانلاردىن ئۇزاقتا ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆۋلىتى بولۇپ قېلىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەن بولىدۇ.
خىتتاي 30 مىليارت بىلەن 50 مىليارت دوللار ئارىسىدا مەبلەغ سېلىپ داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقان بىر يول بىلبەلباغ چۈشىنىڭ تۈگىنى، خىتتاينىڭ نېفىت ۋە تەبىى گاز، ئېنىرگىيە كان مەھسۇلاتلىرى ، يېزا ئىگىلىك ماھسۇلاتلىرى ۋە قۇرۇلۇش مەھسۇلاتلىرىنى قازىقىستان ئارقىلىق ياۋرۇپاغا توشۇيدىغان قۇرۇغلۇقتىكى بىردىن بىر چاقنىغان مەرۋايىتى خىتاي قورغاس تۆمۈر يولى شەرقى تۈركىستان قازىقىستان تۆمۈر يولى دىگەن نامغا ئۆزگۈرىدۇ.
شۇنداق ئادالەت چاقى ئۇزۇن غا سوزۇلغان سۈكۈناتتىن كېيىن قايتا چۆگىلەشكە باشلىدى. گەرچە بۇ 5 يىلدا ئۇيغۇر خەلقى قانچە مىليۇن خەلقىنىڭ قىرغىن قىلىنىشىغا شاھىت بولۇپ قاباھەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما سۈبھى تاڭنىڭ ئېتىشىغا ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى. تۈننىڭ ئەڭ قارانلىق ۋاختى تاڭ سەھەرگە ئەڭ يېقىن ۋاقتىدۇر
2021-يىلى دېكابىر
 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «چارىسزلىككە چارە » تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

يە دېكابىر 12 , 2021
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «چارىسزلىككە چارە » تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

You May Like