تەرجىمە:رۇسىيىدىكى چوڭ گېزىت خىتاينىڭ <بىر بەلۋاغ، بىر يول> سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

رۇسىيىدىكى ئاساسلىق چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان <مۇستەقىللىق>گېزىتى ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ <بىر بەلۋاغ،بىر يول> سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: خىتاي پۇللىرىنى چېچىپ مەبلەغ سالغانچە، مەبلەغ سالغان يەرلەردە خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر ۋە نامايىشلار كۈچەيدى.

فرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى خىتايچە تورى

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ھىدايەتۇللاھ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-11

 

رۇسىيىدىكى ئاساسلىق چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان <مۇستەقىللىق>گېزىتى ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ <بىر بەلۋاغ،بىر يول> سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: خىتاي پۇللىرىنى چېچىپ مەبلەغ سالغانچە، مەبلەغ سالغان يەرلەردە خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر ۋە نامايىشلار كۈچەيدى.

«ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ» دېيىشىچە «مۇستەقىللىق»گېزىتى رۇسيە ھۆكۈمەت تەرەپ باشقۇرۇشىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بېرى بولۇپ رېمچۇكۇف(Remchukov) باش مۇھەررىرى ئىكەن. ماقالىدە قازاقىستانلىق بىر جەمىيەتشۇناسنىڭ دوكلاتىنى نەقىل قىلىغان: 2007-يىلى قازاقىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە بولغان نارازلىق 17%دىن 2012-يىلى 33% گە ئۆرلىگەن ۋە 2017-يىلغا كەلگەندە  بۇ سان 46%كە  ئۆرلىگەن بولۇپ، قازاقىستان پۇقرالىرىدا خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئۆچمەنلىك كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدكى ئاز بولمىغان خەلق خىتاينىڭ«بىر بەلۋاغ، بىريول»دىن مەخسىدى  ئوتتۇرا ئاسىيانى  يۈتىۋېلىشنى مەخسەت قىلىدۇ دەپ قارايدىكەن. بۇ خىل چۈشەنچىدىكى كىشىلەر قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان خەلقى ئىچىدىلا بولۇپلا قالماي، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مەۋجۇت ئىكەن. قىسقىغىنە 10يىل ئىچىدە بۇ خىل چۈشەنچە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدىكى دىننى ساھە كىشىلىرىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا تەسىر قىلغان قىلغان بولۇپ، خىتايغا قارشى كەيپىيات ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسەتچىلەر تەرىپىدىنمۇ كوزۇر قورال سۈپىتىدە  قوللىنىپ، ئىچكى زىديەتلەردە ئاكتىپ  قوللىنىلماقتا، ۋە كەلگۈسىدە ئىشلىتىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن.

كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرگە قارشى تۇرغۇچى سىياسى ئۆكتىچى كۈچلەر ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنى ۋەتەننىڭ پايدا مەنپەتنى خىتايغا سېتىۋەتتى دەپ ئەيىبلەيدۇ.خىتايغا قارشى كەيپىيات كەلگۈسىدە سودا ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا پايدىلىق بىر يۈلىنشكە ئۆزگىرەيدۇ.يەرلىك سودىگەرلەر بۇ چۈشەنچىدىن پايدىلىنىپ باي بولۇشنىڭ يولىنى تېپىۋالدى. ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە ، بۇ مەھسۇلات يەنە خەلقئارادىكى دىئوپولىتىكىلىق سايىسى سېتىۋالغۇچىلارغىمۇ سېتىلىدۇ.

ماقالىدە يەنە خىتاي يولغا قويغان «بىر بەلۋاغ،بىر يول»سىياسىتى يەرلىك ئورۇنلارنىڭ سودا مۇھىتىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچىراتقان ۋە خىتاي سودىگەرلەرنىڭ  يەرلىكلەرلىك ئەمەلدارغا پارا بېرىش ئارقىلىق، ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەتتا باج ئىشلىرىنىمۇ پارا بېرىش شەكىلدە بېجىرگەن.

ماقالىدە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاراشلىرىغىمۇ ئورۇن بەرگەن بولۇپ، خىتايىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرى رۇسىيىنىڭ بۇ رايوندىكى مەنپەتنى تەسىرگە ئۇچراتقان.

ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ خىتايغا قارىشى تۇرۇش دولقۇنىنىڭ كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن رۇسىيىنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى بار يوقلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس، خىتاي بىلەن روسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچ تالىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ،بىر يول»سىياسىتى بىلەن رۇسىيىنىڭ «ياۋرو ئاسىيا ئورتاق گەۋدە»سىياسىيتى بىرى بىرى بىلەن چىقىشالمديدۇ.

مەنبە:

http://cn.rfi.fr/中国/20180806-俄罗斯大报长文批评中国一带一路?fbclid=IwAR0yQQWR8rglE4zmV00qJhtP6RiBhYJ5OgCD14dpmDJPVSrtmzPe98e1MKI&ref=fb

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

   ئاق ساراي يېنىدىكى قۇربان ھېيت يىغىسى ۋە كۈلكىسى

سە ئاۋغۇست 13 , 2019
2019-يىلى 11-ئاۋغۇست، قەلبىم قېتىغا چوڭقۇر ئورۇنلىشىپ كەتكەن ئانا ۋەتەن ھىجران تۇيغۇلۇرىم بىلەن ئۆزۈمنى سۈنئىي خۇش قىلىپ كېلىۋاتقان 21-قۇربان ھېيتىم ئىدى. 11-ئاۋغۇست يەنە كۆز قارچۇقلىرىدىكى ھىجران ۋە كىمدۇر-بىرلىرىنى سېغىنىش، يۇرتسىزلىق،ۋەتەنسىزلىك ئازابلىرىنى يوشۇرۇلمىغان بىرەر يۈز مىللەتداش-قېرىنداشلىرىم بىلەن چىن- سەمىمىي قۇچاقلىشىپ « ھېيتىڭىز مۇبارەك بولسۇن !» دېيىشكەن كۈنۈم ئىدى.

You May Like