ئۇ ك ھ ق يېڭى دوكلاتى: ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى -ئامېرىكا مېلىچماللار دۇكانلىرىدا

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29-ئاۋغۇست؛

ئۇ كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 28-ئاۋغۇست « ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى -ئامېرىكا مېلىچماللار دۇكانلىرىدا »ناملىق دوكلات ئىلان قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھىلىھەم ئامېرىكا بازىرىدا ئەركىن تارقىلىۋاتقانلىقىنى پاكىتلار بىلەن كۆرسەتتى.

ئۇ ك ھ ق يېڭى دوكلاتى: ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى -ئامېرىكا مېلىچماللار دۇكانلىرىدا.

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29-ئاۋغۇست؛

ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 28-ئاۋغۇست  « ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك مېۋىلىرى -ئامېرىكا مېلىچماللار دۇكانلىرىدا »ناملىق دوكلات ئىلان قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھىلىھەم ئامېرىكا بازىرىدا ئەركىن تارقىلىۋاتقانلىقىنى پاكىتلار بىلەن كۆرسەتتى.

1-مەزكۇر دوكلاتتا مونۇلار يورىتىلغان: دۇنيا بويلاپ قېزىل چىلان تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ  20 %ى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان.

2-شنجاڭ ئ‍شلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش  بېڭتۇۋەنى ( XPCC)-ختتايدىكى ئومۇمى چىلاننىڭ 25 پىرسەنتىنى ئ‍شلەپچىقىرىدىغان 13چىلان ئ‍شلەپچىقىرىش شركەتلىرىنىڭ كۆپ قسمىنى مونۇپۇل قىلىدۇ.شنجاڭ ئ‍شلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش  بېڭتۇۋەنى -شەرقى تۈركستاندا ئۇيغۇرلارنى زور ساندا قاماققا ئىلىش،نازارەت قىلىش ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە سلىشقا مەسئۇل.

3-2022-يىلى فېۋرالدىن ئاۋغۇستقىچە، ۋاشنگىتون دى سى رايونىدىكى مېلىچماللار دۇكانلىرىدا شەرقى تۈركستاندا ئۆستۈرۈلگەن ياكى مەشغۇلاتتىن ئۆتكەن 70دىن ئارتۇق ماركىدىكى چىلانلار يۈرۈشتۈرۈلمەكتە.بۇنىڭ ئىچىدە ئاز بولغاندا ئۈچ ماركىغا-بېڭتۇۋەن دەپ ئېنىق يېزىلغان.ئامېرىكا تاللا بازارلىرىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتنىدىن كەلتۈرۈلگەن قۇرۇق ئۈزۈم ۋە ياڭاقلارمۇ سېتىلماقتا.

ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەزكۇر دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى بويىچە چەكلەنگەن پاختا ۋە شوخلا مەھسۇلاتلىرىنىڭ داۋاملىق ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى -ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك شركەتلىرى ۋە ئ‍ستىمالچىلىرىنىڭ-ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئ‍نسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  مەجبۇرى ئەمگەك  ۋە زۇلۇم-ستەملەرگە شرىك بولۇش خەتىرى بارلىقىنى كۆرسەتكەن.

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئوبزور: ئۇيغۇرلار ب د ت نىڭ ئاخىرقى دوكلاتىغا تەسر كۆرستىشى كىرەك

دۈ ئاۋغۇست 29 , 2022
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنڭ زامانىۋى قۇل شەكىللىرى ھەققىدىكى ئالاھىدە دوكلاتچىسى تومويا ئوبوكاتا ئەپەندىنىڭ 16-ئاۋغۇست تارقالغان خەلقئارادىكى مەجبۇرى ئەمگەكلەرنى كۆزىتىش ھەققىدىكى دوكلاتىدا،ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرى ئەمگىكىگە ئالاھىدە يەر بەرگەن. ئۇ مەزكۇر دوكلاتتا:«خىتاينىڭ بەزى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋەقەلىرى '''' ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت'''' بولغان قۇل قىلىشقا يېتىدۇ»دەپ كۆرستىپ، زور تەسر پەيدا قىلغان.

You May Like