شىۋىتسارىيەدە خەلقارا ئەخلاق مۇنبىرى يىغىنى چاقىرىلدى
ھەبىبۇللا ئىزچى،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29
ئاۋغۇست،شېۋىتسارىيە
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاي ياشلار كومىتىتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن زۇنۇن ئەپەندىلەر 26 – ئاۋغۇست شىۋىتسارىيەنىڭ گراۋبۈندەن كانتونىغا قاراشلىق پونترەسىنا رايونىدا باشلانغان 7 – قېتىملىق < خەلقئارا ئەخلاق مۇنبىرى > يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ،دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەرگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن.
شىۋىتسارىيەنىڭ گراۋبۈندەن كانتونىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نۆۋەتلىك < خەلقئارا ئەخلاق مۇنبىرى > يىغىنىغا ئامېرىكا،كانادا،لاتىن ئامېرىكىسى،ھىندىستان،ئاۋۇستىرالىيە،جەنۇبى ئافرىقا ۋە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى سىياسى ئەرباپلار،كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى،سەنئەتكارلار، يازغۇچىلار،تەتقىقاتچى ئالىملار ۋە ژورنالىستلاردىن بولۇپ 80 نەپەردىن ئارتۇق ئەرباپ بىۋاستە كېلىپ قاتناشقان.
بۇ قېتىملىق يىغىندا دۇنيا مىللەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش،بۈگۈنكى دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەدىنىيەتلەرنى ۋە قىممەت قاراشلارنى قانداق قوغداپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز- ئارا چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قانداق قىلىپ گۈزەل بىر دۇنيا بەرپا قىلىش قاتارلىق تېمىلار بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر يىغىندا،خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قانداق توسۇپ قېلىش ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ، كىملىكىنى قانداق قوغداپ قېلىش مەسىلىسىمۇ يىغىندىكى ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولغان.
يىغىن جەريانىدا دولقۇن ئەيسا ۋە ئەركىن زۇنۇن ئەپەندىلەر ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن ئايرىم – ئايرىم ئۇچرۇشۇشلار ئېلىپ بېرىپ،،خىتاينىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتى، شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەرگە يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان بولۇپ،ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن ئەرباپلارنى ئالاھىدە قىزىقتۇرغان تېمىلارنىڭ بىرى بولغان.
بۇ يىغىننىڭ 27 – ئاۋغوست كۈنىدىكى يېپىلش مۇراسىمىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەقدىم قىلغان بولۇپ ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم نۇتقىدا ،خەلقلەرنىڭ بىللە ياشاش يوللىرى ، نېگىزلىك ھوقۇقىنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ جاھىللىق ۋە زوراۋانلىق بىلەن دۇنيا تەرتىپىگە قارشى تۇرۇۋاتقانلىغا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ شاھىت بولۇۋاتقانلىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە،خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا ياردەم بەرگەن ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ئەڭ ناچار جىنايەتچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم ماركىسى ئاستىدا رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ئۇ يەنە ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قولىدا بىر ئەسىرگە يېقىن كەمسىتىشكە، قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ،بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن بۇيان ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلىرى جازا لاگېرلىرىدا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە قىيناش ، سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق ، جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقىنى ، بۇلار كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇشتىن باشقا ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسچىت ، قەبرىستانلىقلارنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ،يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرۋېتىش قاتارلىق ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ھەر بىر ئىپادىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىنى، ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىنى ناھايىتى ئەتراپلىق تونۇشتۇرغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم يەنە ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ، كەڭ كۆلەمدە تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە باشقا تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى، ۋە بۇنىڭ ئومۇملاشتۇرغاندا ، خەلقئارادا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ۋەھشىيلىكىنى ۋە چېكىدىن ئاشقان دۆلەت تېرورلۇق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن باشقا تىبەت ،خوڭكوڭ ، جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىكى يەرلىك خەلقلەرنىمۇ زورلۇق بىلەن باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ، ھازىر تەيۋەن خەلقىنىمۇ ئوخشاش تەقدىرگە بويسۇندۇرىمىز دەپ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىدىنىڭ پەقەت دۆلەت ئىچىگىلا ئەمەس،بەلكى خەلقئارا دۇنيا تەرتىپىگىمۇ ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە يېڭى دۇنيادىكى يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر ھەرگىزمۇ كىشىلەر كۆزىنى يۇمۇۋالىدىغان ئاددىي مەسىلە ئەمەس. نېگىزلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىش ئىنسانىيەت ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ۋە ھەر بىر ئىنساننىڭ ھېچكىم تارتىۋالالمايدىغان ھوقۇقى ، بۈگۈنكى كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە قارايدىغان بولساق، ھېچكىم پاناھلىنىشقا مەجبۇرلانمايدۇ. ئەكسىچە مۇستەبىت تۈزۈم ۋە دېكتاتورلۇق،زوراۋانلىق ، ۋە ئورۇش سەۋەبىدىن ئىنسانلار يېقىنلىرىدىن مەجبۇرى ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، چۈنكى ئىنسانلار مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى ۋە خارلىغانلىقىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئەمما مەن ئىشىنىمەنكى ، بىزنىڭ ئىنسانىي تۇيغۇمىز ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ ،بۇ خىل تۇيغۇ مېنى ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىنى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدۇ! دەپ ئېيتقان.
يىغىن ئاخىرىدا دولقۇن ئىسا ئەپەندى خەلقارا ئەخلاق مۇنبىرىگە شەرقى تۈركىىستاننى تونۇشتۇرۇشتىن باشقا يەنە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى تەقدىم قىلغان بولۇپ بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن يىغىن زالىدىكىلەر گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە تەبرىكلەشكەن.