18-سىنتەبىر،2020-يىلى، ۋاشنگىتون
ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى
ئامېرىكا سودا منستىرلىكى بۈگۈن بايانات بېرىپ، يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ تىك توك ۋە ئۈندىدار ئەپلىرىنى ئامېرىكىدا چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قارار كۈچكە ئىگە بولسا، ئالما ئەپ دۇكىنى ۋە گۇگىل، ئاندىرۇئىد سۇپىلىرىدا مەزكۇر ئەپلەر قالدۇرۇلىدۇ. ئامېرىكىلىق ئىشلەتكۈچىلەر بۇ ئەپلەرنى تېلېفۇنلىرىغا يېڭىدىن چۈشۈرۈلمەيدۇ. بۇرۇن قاچىلىغانلار داۋاملىق ئىشلەتسە بولىدۇ، ئەمما يېڭىلىيالمايدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئەپلەرنى تازىلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن سەۋەبى بولسا مەزكۇر ئەپلەر ئامېرىكىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلايدۇ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسر يەتكۈزىدۇ.