ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
تەييارلىغۇچى: سايئوغلى
2019-6-13
6-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە زىيارەتتە بولدى. قىرغىزىستان پىرزىنتى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالدى. قىرغىزىستان پىرزىنتى خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ بېشكەكتە چاقىرىلغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. قىرغىزىستان پىرزىنتى خىتاي ھۈكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە قىرغىزىستاننىڭ مەڭگۈ خىتاينىڭ ياخشى قوشنىسى، ياخشى دوستى، ياخشى ھەمكارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاخىردا خىتاي خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى تەبرىكلىدى.