نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى: 2019- يىلى خىتاي ئۈچۈن سەزگۈر بىر يىل. شى جىنپىڭ تەشۋىشكە چۈشتى.

خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ يېقىندا تۇيۇقسىز يۈز نەچچە ئەمەلدارنى يىغىپ يىغىن ئاچقان بولۇپ، بۇ بەزى ئەمەلدارلارنىڭ پىلانلاپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان يەرلىك يىغىنلارنى قايتا ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 26- فېۋرال

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-26

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ يېقىندا تۇيۇقسىز يۈز نەچچە ئەمەلدارنى يىغىپ يىغىن ئاچقان بولۇپ، بۇ بەزى ئەمەلدارلارنىڭ پىلانلاپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان يەرلىك يىغىنلارنى قايتا ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ قېتىملىق يىغىن خۇددى ئادەمنى تەشۋىشكە سالىدىغان بىر خىل جىددىيلىكنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاندەك كۆرىنىدۇ. شى جىنپىڭ ئەمەلدارلارغا دېيىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ھەر قايسى تەرەپلەردىن چوڭ خەۋپكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، قىيىنچىلىققا ياخشى تەييارلىق ئىشلەش كېرەك ئىكەن.

ئۇ مەيلى سىرتقا قارىتا دىپلوماتىيە سىياسىتى، سودا، ئىشسىزلىق، ۋەياكى ئۆي مۈلۈك باھاسى بولسۇن، ئەگەر ئەمەلدارلارنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن چاتاق چىقسا، خەۋپنىڭ ھەقىقىي خەۋپكە ئايلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاپكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شى جىنپىڭ بۇ يىل 1- ئايدا مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلغان بۇ يېغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « خەلقئارادا مالىمانچىلىق مەنبەسى ۋە خەۋپ-خەتەر نوقتىسى كۆپەيدى. دۆلەت ئىچىدە، پارتىيە مەنىۋى جەھەتتىن بوشىشىش خەۋپى، ئىقتىدارسىزلىق خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.»

بۇ 2012- يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بېرى، شى جىنپىڭ بەرگەن ئەڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ بىرى، ھەمدە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېچىلغان نەچچە يۈز قېتىملىق يەرلىك پارتىيە- ھۆكۈمەت يىغىنلىرىدا ماسلىشىشقا ئېرىشتى.

بۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشى ۋە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن سودا كۈرىشىنىڭ ئاللىبۇرۇن خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ جەمئىيەت مالىمانچىلىقىغا بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەندىشىسىنى يۇرۇتۇپ بەردى. ئامېرىكا ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك سودا سۆھبىتى ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرلاشتى. گەرچە پرېزدېنت ترامپ سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش بولىۋاتقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، خىتاي ماللىرىغا تاموژنا بېجى قوشۇش ئاخىرقى مۆھلىتىنى كىچىكتۈرگەن بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ رەسمىي كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى.

باش شتابى نيۇيوركقا جايلاشقان « تاشقى مۇناسىۋەت كونسۇلى» (Council on Foreign Relations) نىڭ ئالى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ئىلىزابىت ئىكونومى (Elizabeth C. Economy) مۇنۇلارنى بىلدۈردى، « بېيجىڭ سىياسىي ۋە سودا ساھەسىدىكى مېتودلىرى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتتىن كەلگەن زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە، بۇ خىل بېىسم پەقەت دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قىيىنچىلىقىنى ئاشۇرىدۇ خالاس. » ئۇ شى جىنپىڭنى تەتقىق قىلىپ « ئۈچىنچى ئىنقىلاب» دېگەن كىتابنى يازغان.

نۆۋەتكە تېخى كوممۇنىستىك پارتىيىسى ياكى شى جىنپىڭغا بىۋاسىتە خەۋپ بولغۇدەك سىياسى رىقابەتچى كۆرۈلگىنى يوق. بىراق ئۇنىڭ سۆزى شۇنى ئېنىق بىلدۈرىدىكى، بولۇپمۇ بىر قانچە سىياسىي سەزگۈر خاتىرە كۈنلىرى بولغان 2019- يىلى، ھەر قانداق ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋە داۋالغۇش پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۇچقۇن ھەيۋەتلىك ھالدا يوقىتىلىدۇ.

جېجياڭدىكى بىر ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش لىنىيەسى. خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئاساسلىق ئەندىشىسى ئىقتىساد.

بىر يىل ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئەدلىيە ئورگىنىدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇش مۇددەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى، بۇندىن كېيىنكى 10 يىل ۋەياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق مۇددەت دۆلەت رەئىسى ۋە پارتىيە رەھبىرى بولۇش ئۈچۈن يول ئاچتى، ھەمدە ھۆكۈمەتنى تېخىمۇ پارتىيىنىڭ ھوقۇقىغا بوي سۇنىدىغان قورالغا ئايلاندۇردى.

لېكىن، بىر يىل ئۆتتى، شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى ۋە باشقا ئاگاھلاندۇرۇشلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى، كۆرەڭلەيدىغان ۋاقىت ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى. بىر قانچە مۇتەخەسسىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ يەنە ئەگەر مەسىلە كۆرۈلسە باشقا ئەمەلدارلارمۇ جاۋاپكار بولىدىغانلىقى ئىپادىلەشكە ئالدىراۋاتقان كۆرۈنمەكتە ئىكەن.

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق سىياسىي ئانالىز ۋۇ چياڭ مۇنداق دېدى : « بۇ شۇنى بىلدۈرۈش ئۈچۈنكى، بۇ خەۋپلەرنى پەقەت شى جىنپىڭلا ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ، يەنە باشقا سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، ھەمدە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكىلەرمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.»

مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئاگاھلاندۇرۇشى بۇرۇنقى نەچچە قېتىملىق خەۋپكە قارىتا چىقارغانلىرىغا قارىغاندا دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولۇپ، ئۇنىڭ مۇداپىيىلىنىش تىپىدىكى تاكتىكىسى بەلكىم بۇ يىلقى سىياسەت ئۆزگىرىشىگە قارىتا بەزى چەكلىمىلەرنى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن. ۋۇ چياڭنىڭ دېيىشىچە، گەرچە پرېزدېنت ترامپنىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى خىتاينىڭ زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادقا بولغان كونتروللىقىنى ئازايتىشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، لېكىن شى جىنپىڭنىڭ تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا رايى يوقتەك تۇرىدۇ.

ۋۇ چياڭ مۇنداق دېدى: « مەركەز رەھبەلىرىنىڭ خىتاي دۇچ كىلىۋاتقان خەۋپنى باھالىشى ئاللىبۇرۇن ئىقتىسادىي ساھەدىن بارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيدى. بۇ يىل مۇھاپىزەت قىلىش ۋە بىخەتەرلىك بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇلدى .»

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەسمىي ئاخباراتى بولمىش « خەلق گېزىتى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ۋاقتى شى جىنپىڭنىڭ ئۇچۇرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئاللىبۇرۇن بىكىتىلىپ بولۇنغان يەرلىك ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ يىغىنى بۇ قېتىملىق يىغىن سەۋەبلىك توختىتىپ تۇرۇلغان.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئىقتىساد بولسا مۇھىم بىر مەسىلە، ئۇ ئەمەلدارلارغا « قارا تۇرنا» ۋە كۈلرەڭ كەركىدان» دىن پەخەس قىلىشنى ئېيتتى – بۇ ئىككى مەبلەغ سېلىشقا ئالاقىدار ئاتالغۇ ئايرىم ھالدا كۈتۈلمىگەن ئىقتىسادى زەربە ۋە كۆرگىلى بولمايدىغان پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنى كۆرسىتىدۇ.

خىتاي دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي خەۋپ توختىماستىن ئېشىۋاتقان يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزلىرى، ترامپنىڭ سودا تاموژنا بېجى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي تېخنىكىلىرىنى بايقۇت قىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ خىل بايقۇت قىلىش يېقىندا ئاساسلىق تېلېگراف ئۈسكىنىسى ياساش شىركىتى خۇا ۋېيغا قارىتىلغان.

خەلق سارىيىنىڭ ئەتراپىدا چارلاپ يۈرگەن ساقچىلار

بىراق شى جىنپىڭمۇ خەۋپنىڭ ئىقتىساد دائىرىسىدىن خېلىلا ئۇزاقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى، بولۇپمۇ سىياسىي خەۋپ، مەسىلەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خىتاي ياشلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيە ئوربىتىسىدىن ئايرىلماسلىقنى ساقلاپ قېلىش ئىقتىدارى.

ئۇ ئاللىبۇرۇن قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ كىلىۋاتقان خىتاي ئىنتېرنېت تورىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى، ياشلارغا تېخىمۇ كۆپ « ياش بىر ئەۋلادنىڭ سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرى بولۇپ يېتىلىش» ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

شى جىنپىڭ ئەمەلدارلارغا مۇنداق دېدى: « ياش كادىرلار زور كۈرەشلەردە راستتىن تۇتۇشىشى كېرەك.»

لېكىن، شى جىنپىڭنىڭ مۇقىملىققا بولغان بۇنداق جاھىل تەلەپلىرى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىشى مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، چۈنكى بۇنداق ھەر قاچان خەۋپ كۆرۈلۈپ قېلىش ئاگاھلاندۇرۇشى، بەلكىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جەمىئەتتىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي خەۋپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كېرەك بولغان ئاكتىپلىق ۋە جانلىقلىقنى ئۇجۇقتۇرىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇنچە كۆپ ساھەدە قاتتىق تەرتىپنى تەلەپ قىلىش، يەرلىك كادىرلارنى بىر خىل خۇددى مۇمكىن بولمايدىغاندەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۇپ قۇيىدىغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: « ئەمەلدارلار بىر تەرەپتىن تىرىشىپ ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن قەرزلىرىنى ئازايتىشى، ئىش ئۆنۈمى تۆۋەن « مۇردا» شىركەتلەرنى تاقىشى كېرەك؛ شەخسلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى جانلاندۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇھىت بۇلغىنىشىنى ۋە بانكا كرېدىتىنى ئازايتىشى كېرەك؛ خەلقنى ھۆكۈمەتكە ئىشىنىشكە تەشۋىق قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە خەلقنىڭ ئاغرىنىشىنى باستۇرۇشى كېرەك.»

باش شتابى ۋىرگىنىيە شىتاتىدىكى كرۇمپتون گۇرۇھىنىڭ (Crumpton Group) خىتاي سىياسەت تۈزۈش مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى جيۇدې بلانچېت (Jude Blanchette) مۇنداق دېدى: « ئەگەر ھەممە ئىش خەۋپ- خەتەر بولىدىغان بولسا، سىز ئاخىرىدا ھېچ ئىشنى ھەل قىلالمايسىز.» 

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان تەسىر كۈچى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى كۈچى، ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى بىخەتەرلىك تارماقلىرىدىكى كەڭرى ھوقۇقىنى كۆزدە تۇتقاندا، خىتاينىڭ ئەنسىز بولىشى خۇددى بىرئاز زورمۇزور تېڭىلغاندەك كۆرىنىدۇ.

 بىراق تەشۋىشلىنىش گويا شى جىنپىڭنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.

ئۇ كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان خىتاي كومپارتىيىسى ئىنقىلاپچىسىنىڭ ئوغلى، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بېرى، ئۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان ھوقۇقىنىڭ ئوڭايلا يوقاپ كىتىشى مۇمكىنچىلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى پۇرىتىپ كەلدى. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى مىخائىل گورباچوفنىڭ (Mikhail S. Gorbachev) «ئەركەكتەك» دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلالمىغانلىقىدىن بولدى دېگەن.

تيەنئەنمىن مەيدانىدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى

65 ياشلىق شى جىنپىڭ بۇلتۇر دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلغاندىن بېرى، ئاكادېمىكلار، سودا ساھەسىدىكىلەر ۋە سابىق ئەمەلدارلارنىڭ نارازىلىق سادالىرى تەكشۈرگۈچىلەر ۋە بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن بۇ خىل سادالارنىڭ چىقىشىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىغا قارىماي ئېشىپ باردى.

خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئەندىشىسى پارتىيە ژۇرنىلى ئاگاھلاندۇرغان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ھۆكۈمەتلىرى شەكىللەندۈرگەن قارشى كۈچلەر تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېغىرلاشتى، غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلارنى سېتىۋېلىشىنى، تەشۋىقات تەسىرىنى، ھەمدە شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرى ئېچىشىغا قارشى تۇردى.

يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئېلان قىلغان مۇھىم خىزمەت نوقتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بولۇپمۇ بۇ يىل، خىتاي ئەمەلدارلىرى سەزگۈر خاتىرە كۈنلىرىنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن. بۇ يىل تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ  30يىللىقى، 1989- يىلى 6- ئاينىڭ 3- كۈنى كەچتە، تيەنئەنمېن مەيدانى ئەتراپىدا يۈزبەرگەن قانلىق قۇراللىق باستۇرۇش بېيجىڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىدە دېموكراتىك ئۆزگىرىش تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىش پائالىيىتىنى ئاياغلاشتۇرغانىدى.

بۇ يىل يەنە تارىخىي بۇرۇلۇشنىڭ نامايەندىسى بولغان 1919- يىلىدىكى « 5- ماي» ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوقوغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى، تىبەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىنقىلابى مەغلۇبىيىتىنىڭ 60 يىللىقى، ھەمدە نەچچە يۈز كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) مىللى ئىسيانىنىڭ 10 يىللىقى، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) بولسا مىليونلارچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا قامالغان خىتاينىڭ غەربىدىكى رايون.

ھۆكۈمەت يەنە 10 – ئايدا كاتتا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە تەييارلانماقتا.

1-  ئايدىكى ئۇ يىغىندىن ئىتىبارەن، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەر، بازارلار ئاللىبۇرۇن خەۋپنى كۆزىتىدىغان ۋە كونترول قىلىدىغان پىلاننى چىقاردى ياكى يېڭىلىدى. مەسىلەن، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارى ھۆكۈمەتكە باغلىنىشلىق شىركەتلەرنىڭ قەرزلىرىنى قايتۇرىدىغانلىقىغا قەسەم بەردى. شەرقتىكى شەندۇڭ ئۆلكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ليۇۋ جيايىمۇ نارازىلىق كۆرسىتىۋاتقان قىسىمدىن چېكىنگەنلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەمىناتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئاللىبۇرۇن ساقچى تەرەپكە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، « سەزگۈر بولغان يىللىق خاتىرىلەش كۈنلىرىدىن» ئىلگىرى، نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە ھەسسىلەپ ھوشيارلىقنى ساقلاشنى ئېيتقان. 2018- يىلى، ئىش تاشلىغان ئىشچىلارنى قوللىغان ماركىسىزمچى ئوقۇغۇچىلار باشلىغان كىچىك كۆلەملىك نارازىلق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئاللبۇرۇن بېيجىڭدىكى ئۇنۋېرسىتلاردا قولغا ئېلىنىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

مەركىزىي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى چېن يىشىن ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى، « ئىقىتىسادىي ساھە ۋە جەمىئەتتىكى خەۋپنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ سىياسىي خەۋپكە ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئنتېرنېت بولغانلىقى سەۋەبلىك، بىر ئۇششاق ئىشمۇ جامائەت پىكرى قاينىمىنى شەكىللەندۈرىشى مۇمكىن.»

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:
https://cn.nytimes.com/china/20190226/china-xi-warnings/

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

پاكىستان ھىندىستاننىڭ ئىككى كۆرەشچى ئايروپىلانىنى سوقۇپ چۈشۈردى

چا فېۋرال 27 , 2019
27- فېۋرال چارشەنبە، پاكىستان ھاۋا ئارمىيىسى كەشمىر ھاۋا رايونىدا ھىندىستاننىڭ ئىككى دانە كۆرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن. پاكىستان گېنىرالى ئاسىف غەفۇر ئىككى ئايروپىلاننىڭ بىرىنىڭ كەشمىر رايونى، يەنە بىرىنىڭ ھىندىستان چىگرىسىغا يىقىن جايدا ئىتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.

You May Like