ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىل 14- ئىيۇن
خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-06-16
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى (6-ئاينىڭ 15-كۈنى) ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېرورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىبىنىڭ بۇ ھەپتىدە شىنجاڭنى (شەرقىي تۈركىستان-ت) زىيارەت قىلىۋېتىپتۇ، بۇ زىيارەتنىڭ مۇساپىسى ھەققىدە تۇنۇشتۇرۇش بەرگىلى بولامدۇ؟ قايسى جايلارغا باردى؟ زىيارەتنىڭ مەقسىتى نېمە ؟ دېگەن سۇئاللارنى سورىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇئاڭ شىنجاڭنى (شەرقىي تۈركىستان-ت) زىيارەت قىلىش ھەققىدىكى سۇئالدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، جاۋابەن مۇنداق دېدى:« خىتاي تەرەپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ب د ت نىڭ تېرورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن كاتىبى ۋىلادىمىر ۋورونكوۋ خىتايدا زىيارەتتە بولىۋاتىدۇ. تەپسىلىي مەلۇماتلارنى خىتاي تەرەپ دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ، دىققىتىڭىز داۋاملىق بىزدە بولسۇن.»
ختاي شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان) ئاچقان كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى دەپ ئاتىۋالغان تۈرمىگە ئوخشايدىغان لاگىرلارغا تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى قامىغان بولۇپ، بۇنى دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن چۇقۇم قوللىنىشقا تىگىشلىك تەدبىر دەپ داۋراڭ سالماقتا. خىتاي بۇ سەۋەبلىك خەلقئارانىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئەيىبلەشلىرىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارىنى ئەمەس بەلكى تېرورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارنى خىتاينى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى، ب د ت نىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا بولىۋاتقان ئەيىبلەشلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« ب د ت نىڭ تېرورىزم قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارىنى شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستان) زىيارەتكە ئەۋەتىشى، خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ يالغانلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلىشى مۇمكىن، يەنى ئۇ يەردە (شەرقىي تۈركىستان) مەۋجۇت بولغىنى تېرورىزم مەسلىسى، قانداقتۇر ھۆكىمەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھالدا تۈركى مىللەتلەردىن بولغان مۇسۇلمان ئاھالىلەرگە زۇلۇم قىلىشى ئەمەس. ب د ت باش كاتىبى تېرورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارنى ئەۋەتمەستىن، بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان قامالغان «مېڭە يۇيۇش» لاگىرلىرىنى دەرھال تاقاشقا، ئۇمۇميۈزلۈك ھالدا ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھۇقۇقلارغا بولغان ئېزىشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىشى كېرەك. ئۇ يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاھىدە خادىم ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھېچقانداق تۇسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغان ھالدا شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستان-ت) بارالىشىنى، ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھۇقۇققا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ دائىرىسى ۋە كۆلىمىنى ئېنىقلىيالىشىنى كېپىللىككە ئىگە قىلىشى كېرەك.»
مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.
مەنبە:
https://www.voachinese.com/a/UN-Counter-Terrosim-Chief-Invited-By-China-To-Visit-Xinjiang-20190614/4959229.html