يېڭى زىللاندىيەدىكى مەسچىتتە 49 ئادەم ئۆلتۈرۈلدى

يىڭى زىللاندىيە كىرايست چىرچ شەھرى مەركىزىدىكى نۇر مەسجىدى ۋە لىنۋۇد مەسجىدى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 49 ئادەم قازا قىلدى.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

2019-3-15

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

يىڭى زىللاندىيە كىرايست چىرچ شەھرى مەركىزىدىكى نۇر مەسجىدى ۋە لىنۋۇد مەسجىدى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 49 ئادەم قازا قىلدى.

ھۇجۇم قىلغۇچى ئاۋستىرالىيەلىك، ئاق تەنلىك، 28 ياشلىق ئەر بولۇپ، جۈمە نامىزىغا كەلگەن مۇسۇلمانلارنى ئاپتومات بىلەن ئوققا تۇتقان ۋە 17 مىنۇتلۇق ۋىدىيوغا ئالغان. ئۇنىڭ  قۇرالىدا ئوق تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن، ماشىنىسىغا قايتىپ ئوق ئالماشتۇرغان ۋە يېنىپ كىرىپ يەنە نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەسجىدتە ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ئۇ قارىغا ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ئوق چىقارغان. نۇر مەسجىدىدە قىرغىنچىلىقنى تۈگىتىپ، ماشىنا بىلەن يېقىن جايدىكى لىنۋۇد مەسجىدىگە ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە نۇر مەسجىدىدە 30 ئادەم، لىنۋۇد مەسجىدىدە 10 ئادەم قازا قىلغان.

بۇ ۋەقەدىن كىيىن، يىڭى زىللاندىيە ساقچى باشلىقى يىڭى زىللاندىيەدىكى مەسجىتلەرنى ۋاقتىنچە تاقاپ تۇرۇش، جۈمە نامىزىغا يىغىلماسلىق، ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشىنى ساقلاشقا چاقىرغان.

قاتىل ئۆزىنىڭ تىۋىتىر ھىسابىدا، ئۆزىنىڭ فاشىست ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۆز قىممەت قارىشىنىڭ «خىتاينىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي قىممەت قارىشى» بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى يازغان.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

مەنبە:

https://www.nytimes.com/2019/03/15/world/asia/new-zealand-shooting-updates-christchurch.html

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملىرى بىرلىكىنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى ۋە خىتايغا چاقىرىق قىلىندى

شە مارت 16 , 2019
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى 14- ۋە 15- مارت كۈنلىرى رەئىس ئەھمەد ئابدۇسالام رەيسۇنىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە نائىبلىرى، باش كاتىپ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى ۋە بىرلىك ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. كەڭ تەرەپلمىلىك مۇنازىرە ۋە سۆھبەت ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 تۈرلۈك كېلىشىمدە بىرلىككە كېلىندى. بۇ كېلىشىمنىڭ بەشىنچىسىدە خىتايغا چاقىرىق قىلىنغان بولۇپ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

You May Like