خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 27- مارت

 

شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيىنىڭ تۈركىيەگە زىيارەتكە  كېلىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى غەزەپلەندۈردى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈردى.

 

قەيسەرىيدە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان پائالىيەت يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ  پائالىيەت تەشكىللىگۈچى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندىنى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلەرنى خىتاي ۋىرۇسى گۇماندارى دەپ قاراپ، سىرتقا چىقارمىغانلىقى سەۋەبىدىن توختىتىپ قويۇلدى. سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى ئۆيىدە نازارەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىشنىڭ يوقلىقىنى، سالامەتلىكىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، يەرلىك دائىرىلەرىنىڭ پائالىيەتنى توسۇپ‌ قېلىش ئۈچۈن بۇ سەۋەپنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

ئىستانبۇلدىكى پائالىيەت ئايرىم – ئايرىم ھالدا سارى يەرگە جايلاشقان خىتاي كونسۇلى ئالدىدا ۋە بەيازىت مەيدانىدا، ئەنقەرەدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بولسا «Green peak hotel» دە ئېلىپ بېرىلدى.

 

«ئائىلەم قەيەردە؟» پائالىيتىنى باشلىنىپ، 98 كۈندىن بېرى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان ئاكتىۋىتىس ياشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان سارى يەردىكى پائالىيەتكە 1000 دىن كۆپ ئۇيغۇر، يەرلىك تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى،  خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ۋە بىر قىسىم سىرت دۆلەت مۇخبىرلىرى قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر، تۈرك، ئىنگلىز،خىتاي، ئەرەپ ۋە رۇس تىللىرىدا خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە جىنايەتلىرىنى ئاڭلاتتى  ۋە شۇئارلار توۋلاندى. بۇ پائالىيەت  ھاۋانىڭ سوغوق بولۇشىغا قارىماي پۈتۈن كۈن داۋاملاشتى.

 

بەيازىت مەيدانىدىكى پائالىيەتكىمۇ 2000 غا يېقىن خەلق ئاممىسى قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەت ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چىقىرىلدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، ئۆلىمالار جەمئىيتى رەئىسى مەھمۇتجان داموللام، دوكتۇر بورھان ئۇلۇغ يول‌، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيتى رەئىسى ئەيسا ساۋۇت، يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان، پائالىيەتچى قەمەر ئارتىش، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئايرىم – ئايرىم ھالدا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى جىنايەتلىرى ۋە تۈركىيەدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.

 

ئەنقەرەدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا، خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھېدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيتى باش كاتىپى نۇرىددىن ئىز باسار، ئۇيغۇر ئاكادىميەسى رەئىسى پروففېسسور – دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىن ۋەخپى رەئىسى، دوتسىنىت دوكتۇر ئۆمەر قۇل قاتارلىقلار مۇھىم سۆز قىلدى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

«بىرۇسسېل بىلەن بېيجىڭ توقۇنۇش مۇساپىسىدا، خىتاي دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلماقتا — بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

سە مارت 30 , 2021
«بىرۇسسېل بىلەن بېيجىڭ توقۇنۇش مۇساپىسىدا، خىتاي دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلماقتا — بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

You May Like