ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسنىڭ چىن چۋەنگونى جازلاش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسى

مەزكۇر ھۇججەت مەزكۇر كومېتىت تەتقىقات بۆلۇمنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۈچۈن تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى

2018-يىلى 28-ئاۋغۇست

مەزكۇر ھۇججەت مەزكۇر كومېتىت تەتقىقات بۆلۇمنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۈچۈن تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

 

ھۈرمەتلىك زات مايىك پومپىيو

دۆلەت ئشلىرى كاتىۋى

ئامېرىكا دۆلەت ئشلىرى مەھكىمىسى

2201 سى كوچىسى،شەرقى شمال

ۋاشنگىتون ئالاھىدە رايونى ،20520

ھۈرمەتلىك زات سېتىۋىن مېنۇچىن

مالىيە منستىرى

ئامېرىكا مالىيە منسترلىكى

1500 پېنسلۋانىيە مەھەللىسى،شەرقى شمال

ۋاشنگىتون ئالاھىدە رايونى،20220

ەدىرلىك منسترلار پومپىيو ۋە ميۇچىن بىز ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى مەمۇرى كومېتىت ئەزالىرى ۋە خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ( ش ئۇ ئا ر)دا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانى ھوقۇق كىرزىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەجلىس ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سزگە خەت يېزىۋاتىمىز. ئۇ يەردە مۇسۇلمان ئېتنىك ئاز سانلىقلار ئادالەتسىز تۇتقۇن قىلىنىش، قېيىن-قستاققا ئېلىنىش، دېنى ئىبادەت ۋە مەدەنىيەت ئادەتلىرى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراش تەقدىرىگە مەھكۇم بولماقتا، ھەممە يەرگە ئومۇملاشقان رەقەملەشكەن نازارەت سېستىمىسى كۈندىلىك ھاياتنىڭ ھەر بىر تەرىپىگىچە قاتتىق نازارەت قىلماقتا. ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى، ھوقۇق دەپسەندە قىلىشنىڭ كۆلىمى ۋە ئىغىرلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىز سلەرنى  بۇ باسقۇنچى سياسەتلەرنى يۈرگۈزىۋاتقان  ش ئۇ ئار پارتىيە سېكىرىتارى چىن چۋەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ھۆكۈمەت ۋە  كوممۇنىستىك پارتىيسى ئەمەلدارلىرىغا <<يەرشارى ماگېنتسكى قانۇنى >>ۋە باشقا قوشۇمچە تەدبىرلەرنى قوللىنىشڭىلارغا چاقىرىمىز. ختتاي ھۆكۈمىتى شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەم خەلقئارا ئنسانى ھوقۇققا ھەم شەخسى مەخپىيەتلىككە ئىغىر تاجاۋۇز قىلىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ساقچى دۆلىتىنى ياراتماقتا. يېقىندا، دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى مەمۇرى كومېتىتى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە مۇتەخەسسىس ۋە شاھىتلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ئىسپات ئاڭلاش يېغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئېقتساد ۋە ئىجتىمائى ئشلار ئەلچىسى كەللى كۇررىې شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا ئەمەلى يۈز بىرىۋاتقان، كۈنسايىن ئىغىرلىشۋاتقان قورقۇنچلۇق ئەھۋاللار ھەققىدە ئسپات بەردى. باش ئەلچى كۇررىي خىتاينىڭ شنجاڭدىكى ھەرىكىتىنى  <<ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ بوغۇزىنى بوغىدۇ >> دەپ ناھايىتى توغرا سۈپەتلىدى. بىر ياكى بىر نەچچە مىليون ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاساسلىق مۇسۇلمان ئېتنىك ئاز سانلىقلارنى <<سياسى قايتا تەربىيە>> مەركەزلىرى ياكى لاگىرلاردا تۇتقۇن قىلىش كەسكىن، نشانلىق ۋە يەر شارى خاراكتىرلىك ئىنكاس تەلەپ قىلىدۇ. سىلەرنىڭ پايدىلىنىشڭلار ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ تولۇق يازما ئسپاتلىرى ئۆز ئىچىگە ئېلىندى. ش ئۇ ئا ر دا ھازىر يۈز بىرىۋاتقان ئشلارغا شىرىكدارچىلىقى بار بولغان ختتاي ئەمەلدارلىرىغا ياكى شركەتلىرىگە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا كىرىشكە  ياكى ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە سستىمىسدىن پايدا ئىلىشقا ئىجازەت بېرىلمەسلىكى كىرەك. يېقىندا شىنجاڭدىكى مەزكۇر قاماق رايۇنلىرىدا يۈز بىرىۋاتقان ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆلۈم-يېتىم ھادىسلىرى ھەققىدە نۇرغۇن خەۋەرلەر بار، ئەمما ختتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتىن بۇ ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشقا ئائىت ھىچبىىر ئالامەت يوق. بۇ يەردە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشنى  داۋاملىق تىزلىتىۋاتقانلىقىغا ئائىت پاكىتلار بار. تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدە ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ژۇرنالىستلىرىنىڭ نەچچە ئونلىغان ئائىلە ئەزالىرى، شۇنداقلا كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئىنسانى ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بار. بىز ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرزىدىنتى مايىك پەسنىڭ يېقىندا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا دىنى ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يېغىنىدا خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئىنسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت باياناتىنى، شۇنداقلا دۆلەت ئشلىرى مەھكىمسنىڭ ئەركىن ئاسيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ژۇرنالستلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشنى ئەيىپلەشكە ئائىت بايانلىرىنىمۇ قارشى ئالىمىز. بىز دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ خىتاينىڭ ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىنى ئەيىپلەشتە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا باشقا پۇرسەتلەرنىمۇ ئىزدەيدىغانلىقىغا ئىشنىمىز، شۇنداقلا ساغلام ھۆكۈمەتلەر بىلەن خەلقئارالىق مۇنبەرلەر ۋە كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلاردا بۇ ئىنسانى ھوقۇق كىرزىسنى ئوتتۇرىغا قويۇشغا ئۈمۈتۋارمىز. بىز دۆلەت ئشلىرى مەھكىمىسى ۋە مالىيە منىستىرلىكىنى ش ئۇ ئار دىكى ئنسانى ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان، شرىكلەشكەن شەخس ۋە ئورۇنلارنى جازالاشتا دەرھال ھەرىكەتكە كىلىشكە ئۈندەيمىز! بولۇپمۇ بىز سىلەرنى ش ئۇ ئار كوممۇنست پارتىيە سېكرىتارى، سياسى بىيۇرۇ ئەزاسى چىن چۋەنگونى ۋە ئىنسانى ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا شىرىكلەشكەن باشقا ش ئۇ ئار ئەمەلدارلىرىنى <<يەر شارى ماگىنتسكى ئنسانى ھوقۇق مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش قانۇنى ( پى ئەل 114-328  )>>  ئاستىدا جازالىشڭلارغا چاقىرىمىز. بىز يەنە سىلەرنىڭ  رول ئۆتىگۈچىلەر ۋە گەۋدىلەرنى قانۇن بويىچە جازالاشقا مەھكۇم قىلىدىغان 13818-نۇمۇرلۇق مەمۇرى بۇيرۇق بويىچە جازالاشقا چاقىرىمىز، بۇ قانۇن ئارقىلىق ش ئۇ ئا ر ئەمەلدارلىرىغا ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، نازارەت قىلىشقا ياردەم بەرگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ بىخەتەرلىككە سالغان سېلىنمىسىدىن زور پايدا ئىلىۋاتقان ختتاينىڭ ھىكى ۋىژىن ۋە داخۇا دىگەن ئورۇنلىرىنى جازالاش كىرەك. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇلار  ھۆكۈمەتتىن زور كۆلەمدىكى نازارەت تۈرلىرى ئارقىلىق 1.2 مىلىيارد دوللاردىن ئارتۇق توختامغا ئېىرىشكەن. بىز نىشانلىق جازالاشنىڭ تەسىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشنىمىز. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر بەلباغ،بىر يول پىلانى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە ،خىتاي رەھبەرلىرى كۆرۈشنى خالىمايدىغان بىردىنبىر ئش-خەلقئارا جەمىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئىتنىك ۋە دىنى ئاز سانلىقلارغا قىلغان ناچار ۋە زوراۋانلارچە مۇئامىلىسى ھەققىدىكى ئەيىپلىشىدىن ئىبارەتتۇر. بىز سزنىڭ ئويلىشپ كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن كىشلەرنىڭ تېزىملىكىنى بەردۇق. دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومېتىتى بىتەرەپ ھالدا ش ئۇ ئار دىكى تەرەققىياتنى يېقىدىن كۆزىتىپ كىلىۋاتىدۇ. زۆرۈر بولغاندا، قوشۇمچە ئۇچۇر ۋە ئسپاتلارنىمۇ تەمىنلەشكە تەييار. بىز سىلەر بىلەن بۇ مۇھىم ئىش ئۈستىدە ھەمكارلىشىپ ئشلەشكە تەييار.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئاتا-ئانىسدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى «خىتتاي» كىملىكى بىلەن تىزىملانماقتا!

پە ئاۋغۇست 30 , 2018
ختتاي كوممۇنست پارتىيسى ش ئۇ ئا ر ( ش ت ) سېكىتارى چىن چۋەنگونىڭ رايوندىكى باستۇرۇش سياسىتىنى ناھايتى ئاشكارا ۋە قاراتمىلىق ھالدا پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى باستۇرۇش،يوقتىشنى نشان قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر مۇھىم پاكىتى ئاشكارىلاندى: ئاتا-ئانىسى لاگىرلارغا سولانغان بالىلار، ئاتا -ئانىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن بالىلار ، ياكى ئاتا -ئانىسى چەتئەللەردە قالغان ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ مىللى كىملىكى «خىتتاي» كىملىكى بىلەن تىزىملىنىپ ،يېتىمخانىلەرگە ئىلىپ بېرىلماقتا

You May Like