كانادادا ئۇيغۇر ساخاۋەت سەنئەت كېچىلىكى

6-ئاينىڭ 8-كۈنى كانادانىڭ تورۇنتودا كانادا شەرقى تۈركىستان جەمىيتى بىلەن نۇر مەدەنىيەت سەنئەت مەركىزى بىرلىشىپ ئۇيغۇر ساخاۋەت سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈدى.

  6-ئاينىڭ 8-كۈنى كانادانىڭ  تورۇنتودا كانادا شەرقى تۈركىستان جەمىيتى بىلەن نۇر مەدەنىيەت سەنئەت مەركىزى بىرلىشىپ ئۇيغۇر ساخاۋەت سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈدى. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرچە بۈلۈمدىن مەزكۇر سەنئەت كېچىلىكىگە يېتەكچىلىك قىلغان قېرىنداشلىرىمىزنى زىيارەت قىلدى. ھازىرقىدەك ھەرقايسى دۆلەتلەر يۇمشاق كۈچ تارقىتىشقا كۈچەۋاتقان زاماندا خىتاي ھۈكۈمىتى تەرەپتىن يۇقۇتۇلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ كۈچىنى چوقۇم تېخىمۇ كۈچەپ نامايەن قىلىشىمىز لازىم. بىز ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ سىھرى كۈچىنى نۇر مەدەنىيەت مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ نامايەندە قىلدۇق.بىر تەرەپتە ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ئائىت ھەر خىل بۇيۇملارنى كۆرگەزمە شەكىلدە قويدۇق.يەنە بىر تەرەپتە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە ئائىت نەرسىلەرنى سېتىش ئۈچۈن تەييارلىدۇق ،يەنە بىر بۇلۇڭغا ئىئانە ساندۇقى قويدۇق . . سەنئەت نۇمۇرلىركۆرسەتتۇق. رىياسەتچىلىرىمىز ۋە نۇمۇر ئورۇنلىغۇچىلىرىمىزمۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى نۇمۇرلارنى تەقدىم قىلدى.سېتشقاتەييارلىغانەرسىلەر تولۇق سېتىلدى. نادىر نۇمۇرلىرىمىزنى كۆرگەن ھەرقايسى ساھەدىن كەلگەن شەخسىلەر ۋە مىھمان يۇقرى باھا بەردى.ئۇلارمۇ بەس -بەستە ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە بولغان قايىللىقى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشلىرىنى ئىپادىلىدى .گەرچە ۋاقىت مۇناسېۋېتى بىلەن رېياسەتچىلەرنىڭ مەدىنىيتىمىزنى تونۇشتۇررۇدىغان بەزى مەزمۇنلار قىسقارتېۋېتىلگەن بولسىمۇ بىزنىڭ مەدەنىيەت سەنىئتىمىزنى نامايەندە قىلشقا ياخشى بىر پۇرسەت بولدى .خىتاي ھۆكىمىتى ھەر يىلى يۇمشاق كۈچىنى باشقا دۆلەتلەرگە سىڭدۈرۈش ئۈچۈن شەرتسىز ھالدا ئون نەچچە مىليارد ئاجرېتىۋاتىدۇ . چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلىرىمىز بولسا ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ئمكانلىرىنىڭ يېتىشىچە ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت سەنىئتىنى نامايەندە قىلىشمىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىزنىڭ مىللى داۋالىرىمىزغىمۇ ئاكتىپ كۈچ قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى .ئاخىردا گۈلشەن خانىم بۇ قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىدە توپلانغان پۇللارنىڭ ئۇقۇشسىز قېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىللىرىمىزغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

مىللىي كۆرەش يولىدىكى ساۋاقلار، ئەھۋاللار ۋە مۇھىم نۇقتىلار

يە ئىيۇن 9 , 2019
مىللى مۇستەقىللىغىمىزنىڭ سىموۋلى بولغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى تەڭرىتاغ باغرىدا قايتىدىن جەۋلان قىلدۇرۇش، ھەر بىر ئويغاق، مەسئۇلىيەتچان ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئارزۇسى. بولۇپمۇ مىللىتىمىز تارىختا مىسلىي كۆرۈلمىگەن مىللىي كىرىزىسكە دۇچ كەلگەن، مىللىي مەۋجۇدلىقىمىزنى ساقلاشمۇ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە، مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ كەلگۈسى ۋە يول خەرىتىسى ئۈسىتىدە ئىزدىنىش روھىي ئۇيغاق، مەسئۇلىيەتچان ھەر بىر ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى.

You May Like