تەرجىمە: قورقۇنۇچلىق بوۋاق تەجىربىسى

خىتاي ئالىمى خې جىيەنكۈي دۇنيادىكى گېنى ئۆزگەرتىلگەن تۇنجى بوۋاقنىڭ يورۇق كۆرگىنىنى ئېلان قىلىشى بىلەن دۇنيانى زىلزىلگە سالدى.گېرمانىيە ئاخباراتى بۇئىشقا ئالاقىدار ئىلىمى تەتقىقات ۋە مۇنازىرىلەرگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى .

گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى:2018-يىلى 27-نويابىر

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:ھىدايەتۇللا

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-29

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاي ئالىمى خې جىيەنكۈي دۇنيادىكى گېنى ئۆزگەرتىلگەن تۇنجى بوۋاقنىڭ يورۇق كۆرگىنىنى ئېلان قىلىشى بىلەن دۇنيانى زىلزىلگە سالدى.گېرمانىيە ئاخباراتى بۇئىشقا  ئالاقىدار ئىلىمى تەتقىقات ۋە  مۇنازىرىلەرگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى .

كىمنىڭ ھوقوقى بار،ئەسلى كىم قارار چىقىرىشقا ھەقلىق؟

گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى: بۇ پەقەت ۋاقىت مەسلىسى، بۇنداق بىر خەۋەر ھامان چىقاتتى. ئەمدى بولغۇلۇق بوپ بولدى.

فرانكفورت دوكلاتى گېزىتى ئېلان قىلغان « ئىنسانىيلىقنىڭ ھۆرمىتى نەدە » سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە خەلقئارا ئىلىم دۇنياسىنىڭ بۇ تەتقىقاتقا قارىتا چۈشكەن قارشى پىكىرلىرىنى ۋە نارازىلىقلىرىنى ئېلان قىلغان، بۇ گېزىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇنداق قارشى ئىنكاسلارنىڭ بولىشى نورمال ھىساپلىنىدىكەن، چۈنكى بۇ  ئادىمىيلىككە  قارشى تەجرىبە ئىكەن. ماقالە ئاپتورى ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: خەلقئارادا تۆرەلمىنىڭ كۆپىيىش سېستىمىسىنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىش تېخىچە ئېنىق بولمىغان غۇۋا تەتقىقات باسقۇچىدا دېدى.

 ماقالىدا تۇنۇشتۇرۇپ ،خىتاي ئالىمىنىڭ تەتقىقاتى سىناق قىلىنغاندىن كېيىن مۇنداق يازغان :بۇ ئىنسانلار ھاياتلىقىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى—بوۋاقنىڭ بەدىنىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە. ئىنسانلارغا بۇ قىز بوۋاقنىڭ ناھايىتى ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن، لېكىن ئادەم بەدىنىگە بولغان ئەكس تەسىر ۋە بوۋاقنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىدىن ھىچ بىر ئىنساننىڭ مەلۇماتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قانداقمۇ بۇنداق بىر يەكۈننى چىقارغىلى بولسۇن؟ كېينكى ئاقىۋەت  پەقەت ھىچ تاللاش ئىمكانىيىتى بولمىغان، تەجرىبە قىلىنغان ئادەملەرگىلا ئالاقىدار بوپلا قالماي ،بەلكى ئۇلارنىڭ كىينكى ئەۋلادلىرىغىمۇ ئالاقىدار.

   ئاپتورنىڭ قارىشىچە: بۇنداق تەتقىقاتنى تەجرىبە قىلىشقا  نىسبەتەن ئىلىم دۇنياسى ئېھتىياتچان بولىشى، كەلگۈسىدىكى ئۈنۈم ۋە خەتەرلەرنى ئالدىن ئويلىشىشى كېرەك ئىكەن. ھەرھالدا -ئىنسانلار پزولوگىيەسىنىڭ ئاساسى—كۆپىيىش سېستىمىسىدا سېستىمىلىق تەجىرىبىلەر ئېلىپ بېرىش پەقەت ئالىملارغىلا ئالاقىدار ئىشى ئەمەس، بەلكى بۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە چېتىلىدىغان ئىش. ئىنسانلار كۆپلىگەن مەسىللەرگە دۇچ كېلدۇ. خەتەرلەرنى ئالدىن پەرەز قىلىشتىن، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئېرىسىيەت ئۆزگىرىشى ئەھۋالىنى ئويلىششىتىن باشقا يەنە، تەجرىبە ۋە تەتقىقات ئۈچۈن  چوقۇم يول قۇيۇلغان دائىرىنى ئېنىق بېكىتىش  كېرەك. بۇنداق تەتقىقاتلار داۋالاش ساھاسىدە قوللىنىلامدۇ ياكى ئاللىقاچان گېننى ئەلالاشتۇرۇشقا چېتىلىپ بولدىمۇ؟ ياكى ئادەم بەدىنىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلامدۇ؟ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قائىدە پىرىنىسپ تۈزۈش كېرەك. ئەخلاق ۋە سىياسى ئۆلچەم پىرىنسىپتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. قارار بېرىشتە كىمنىڭ ھوقوقى بار؟ قارارنى كىم چىقىرىدۇ، ھىچ بولمىغاندا قارارنىڭ پىرىنىسپ ۋە  ئۆلچەملىرىنى كىم بېكىتىدۇ؟ بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر تېخى ھىچ ئايدىڭلاشمىدى ياكى پەقەت ئىلىم دۇنياسىدىلا مۇھاكىمە قىلىنىۋاتىدۇ.

 

قىزىل سىزىقتىن ئۆتۈپ كېتىش

يېڭى سۇيرۇخ گېزىتى ئېلان قىلغان « تەپ تارتماستىن قىلىنغان بوۋاقلار سىنىقى» ناملىق ئوبزورىدا خىتاي ئالىمنىڭ قىلغان تەتقىقاتى بىر قانچە قىزىل سىزىقتىن ئۆتۈپ كەتكەن دەپ كۆرسەتتى. ماقالىدە مۇنداق دېگەن: ئالدى بىلەن كەسپى بىلىم ئادەملىرىنىڭ ئورتاق قارىشى بولسا بۇ تېخنىكىدىكى خەتەرلەرنى تېخى ئالدىن بېكىتكىلى بولمايدىكەن. شۇنداقكەن گېننى سۈنئى ئۇسۇلدا بوۋاقنىڭ تېنىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلماسلىقى كېرەك ئىكەن. گەرچە بۇ بايانلار بىر ئاز مۇجىمەل بولسىم، بۇ تەجرىبىگە مەسئۇل بىر تەتقىقات گۇرۇپىسى مەسئۇلنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دېيىشىچە، ئۇ بۇ تەجرىبىدىن كېيىن  بولدىغان خەتەرلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. گېزىتنىڭ قارىشىچە خەتەرلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. بۈگۈنگە قەدەر تېخىچە ھايۋانلارنى سېستىملىق ھالدا مەجبۇرى گېنىنى ئۆزگەرتىپ، ئىز قوغلاپ ئۇزاق مەزگىل چوڭقۇر تەتقىق قىلغان بىر ئىش يوق. ھەر زامان ئېرسى گېننىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت.

ئۇندىن باشقا سۈنئى گېن ئۆزگەرتىشنىڭ مەقسىدى مەلۇم بىر كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى گېننى ئەلالاشتۇرۇش. تەجرىبە ئۈچۈن ئىشلتىلگەن، گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئىككى قىز بوۋاق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ داۋالاشنى قوبۇل قىلغان ئەمەس، بەلكى مەلۇم خىلدىكى يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇردىغان ئىممونىتېت كۈچىگە ئېرىشىش، بۈگۈن ئىنسانلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى باشقا ئۇسۇل ۋە ۋاستىلەر بىلەن ئالدىنى ئالالايدۇ ھەم داۋالىيالايدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگەرتىلگەن گېن پەقەتلا زىيانسىز پايدىلىق بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇلار باشقا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش، ھەتتا يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئارتىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. بىر نەپەرساغلام قىز ئۆسمۈرگە نىسبەتەن بۇ قەدەر گۇمانلىق بولغان ئەلالاشتۇرۇش تەجىربىسى ئېلىپ بېرىش، چوقۇم ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق بولغان تەلەپنى قويۇش كېرەك.

ماقالىدە يەنە، بۇ گېن ئۆزگەرتىش تەجىربىسى قوش گېزەكنىڭ بىرسىنىڭ بەدىنىدە تەجرىبە قىلىنىپ غەلبىلىك تاماملاندى، تەتقىقاتچىلار تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەھۋالنى بىلدىغان تۇرۇپ باشقا بىر ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى يەنە ئانىنىڭ تېنىگە كۆچۈرگەن. بۇ تۇخۇمدىن تۆرەلگەن ئىككىنچى  بوۋاق ئېممونتىت كۈچىگە ئېرىشەلمەيدۇ، سالامەتلىكى خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ دەپ قارىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يازغۇچىنىڭ گۇمانلىنىدىغان يەنە بىر نوقتىسى بولسا تەجرىبىگە قاتناشتۇرۇلغان قىز بوۋاقلارنىڭ ئانىسى بۇ تەجرىبىنى پۈتۈنلەي چۈشىنەمدۇ يوق، بۇ تەجرىبە ئۆزىنىڭ قىزلىرىغا نىسبەتەن زادى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئەگەر جاۋاب ياق بولسا، بۇ بىر ئاپەت خاراكتىرلىك پاجىئە. ماقالىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا «بۇ تەجرىبە ئادەم بەدىنى كۆپىيىش سېستىمسى ھۈجەيرىسىگە مۇداخىلە قىلغانلىق، تۆرەلمە ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئۇرۇق ۋە يىللاردىن كېيىن بۇ ئۇرۇقتىن تۇغۇلىدىغان كىينكى ئەۋلاد بۇنداق بىر ئۆزگەرتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقدىن دېرەك بېرىدۇ›› دەپ كۆرسەتتى. ئىلىمى ماقالىدە بۇ بارلىق ئىنسانلار گېن ئامبىرىغا تەسىر كۆرسۈتىدۇ دېدى.

 بۇ ھەپتە خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلدىغان 2-قېتىملىق خەلىقئارالىق ئىنسانلار گېن گۇرۇپىسى ئۆتكۈزگەن يىغىندا گېن تېخنىكىسىدىن قانداق پايدىلنىش ھەققدە چوڭقۇر مۇنازىرە بولىدۇ. ماقالىدە  بۇنداق بىر ئارقا كۈرۈنىشى ئاستىدا بۇنداق تەجرىبە قىلىش شۈبھىسىزكى ئېغۋاگەرچىلىك. « بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئىلم پەن دۇنياسى بېكىتكەن قانۇن تۈزۈمنى كۆرمەيدۇ »، بۇ بىر ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان سىگنال  دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە: https://p.dw.com/p/390QK

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خىتاي «يۇمشاق كۈچ» تە دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىقالامدۇ؟(1)

پە نويابىر 29 , 2018
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق؟ بەزى مۇتەخەسسىسلەر 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن، بىر دۆلەت كۈچىيىپ، بۇرۇن ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ كەلگەن يەنە بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا تەھدىت بولۇپ قالغاندا چوقۇم بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلايدۇ، دەپ قاراۋاتىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دۇنيانىڭ مەركىزى بولۇپ كەلگەن ياۋروپا پارچىلىنىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمران ئورۇندىكى دۆلەت بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيەدە ئەندىشە پەيدا بولدى.

You May Like