ئۇيغۇر يۈرەك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 6- ئاپرېل
ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مەنسۇر ياۋاش ۋە ئىي پارتىيە لىدىرى مەرال ئاقشەنەر بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ 31 يىللىق خاتىرە كۈنىدە شەھىت بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمى توغرىسدا تۋىتتېردا ئۇچۇر يوللىغان.
مەرال ئاقشەنەر مۇنداق دەپ يازغان: «بارىن قەتلىئامىدا، خىتاينىڭ ئاسارىتىگە بويۇن ئەگمىگەن شەرقىي تۈركستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى، ئۇلارنىڭ شېھىتلىكىنىڭ يىل خاتىرسدە رەھمەت دۇئاسى بىلەن ئەسلەيمەن. ئاسارەت ئاستىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۇنتۇلمايدۇ، ئۇچرىغان زۇلۇملىرىغا سۈكۈتتە تۇرمايمىز. شەرقىي تۈركىستان ھامان بىر كۈنى مۇستەقىل بولىدۇ.»
ئەنقەرە شەھەر باشلىقى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى ئەزاسى مەنسۇر ياۋاش مۇنداق يازغانىدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى بارىن قىرغىنچىلىق يۈز بەرگىنىگە 31 يىل بولغىنىغا قارىماي، ھازىرمۇ خۇددى تۇنجى يۈز بەرگەن كۈنىدەك ھېس قىلىمىز. بارىن شەھىتلىرىنى رەھمەت دۇئالىرىمىز بىلەن ئەسلەيمىز.»
خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىلىكى بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق يازغان: «خىتاي تەرەپ ھەر قانداق بىر كىشى ياكى كۈچنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تۇپراق پۈتۈنلۈكىگە ھەر قانداق بىر شەكىلدە جەڭ ئېلان قىلىشغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، خىتاي تەرەپ ھەقلىق قارشىلىق كۆرستىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ. شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى -خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قسمىدۇر، بۇ پۈتۈن دۇنيادا قوبۇل قىلىنغان ۋە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر.»
خىتاي بۇ ئۇچۇرلارنى مەزكۇر ئىككى كىشگە تەگ قىلىپ ئېلان قىلغان بولۇپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇنىڭ ئارقىسىدىن خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى لىيۇ شاۋبىننى چاقىرتىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەرەپ ئېلان قىلغان ئۇچۇردىن بىئارام بولغانلىقنى بىلدۈرگەن.