بېيجىڭ خوڭكوڭ ئەدىليەسىنىڭ مۇستەقىللىقنى بىكار قىلماقچىمۇ؟

بۇ ھەپتە خىتاي ھۈكۈمىتى ۋە خوڭكوڭ ھۈكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەركىتى تىزلەشتى. دىمكوراتلار پارتىيسىنىڭ تىرامپنىڭ ئۈستىدىن سۇنغان شىكايىتى تەستىقتىن ئۆتسە تىرامپنىڭ باشقا ئىشلارغا كۆپ ۋاقىت ئاجىرىتالماسلىقى مۇمكىن. خىتاي بۇنى پۇرسەت بىلىپ مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە خوڭكوڭدىكى نامايشچىلارنى بېسىقتۇرماقچى بولغان بولۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغۇچى : سايئوغلى

 

2019-11-20

 


بۇ ھەپتە خىتاي ھۈكۈمىتى ۋە خوڭكوڭ ھۈكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەركىتى تىزلەشتى. دىمكوراتلار پارتىيسىنىڭ تىرامپنىڭ ئۈستىدىن سۇنغان شىكايىتى تەستىقتىن ئۆتسە تىرامپنىڭ باشقا ئىشلارغا كۆپ ۋاقىت ئاجىرىتالماسلىقى مۇمكىن. خىتاي بۇنى پۇرسەت بىلىپ مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە خوڭكوڭدىكى نامايشچىلارنى بېسىقتۇرماقچى بولغان بولۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.
«خىتتاي كومپارتىيىسىنىڭ خوڭكوڭنى 21-ئەسىردىكى تىيەنئەنمېن مەيدانىغا ئايلاندۇرىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك» _ Mitch McConnell دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى رەھبىرى. نەنسى پىلوسى خانىممۇ قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ۋە خىتاي تەرەپ ھەربىي كۈچ ئىشلەتسە تىرامپ بۇنىڭغا قارشى ھەركەت قىلىدۇ دىگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي تەرەپ ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەي، ھەربىي كۈچنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ۋاستىلەرنى قوللىنىشقا باشلىغان. قوراللىق بۈلۈمنىڭ باشلىقىنى تۇيۇقسىز پىرىنسىيەگە چىقرىپ قاتتىق قولراق دىڭ بىڭچىياڭنى ئالماشتۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئاكتىپ پائالىيەتچى ۋە نامايىشچىلارنى كامىرالىق كۆزىتىش، ئۇلارنىڭ يېقىنلىرى ئارقىلىق بېسىم قىلىش قاتارلىق ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناشقا باشلىغان.
خوڭكوڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى نىقاپلىنىش قانۇننى بىكار قىلغاندىن كېيىن ئەزەلدىن ھېچ گەپ قىلىپ باقمىغان خىتاي خەلىق قۇرۇلتىي، خوڭكوڭ ئاۋمىن ئىشلىرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلىرىنىڭ سۆزچىللىرى سايراشقا باشلىدى ۋە خوڭكوڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇنداق قارار چىقىرىش ھۇقۇقى يوق دىدى. ئۇنداقتا خىتاي خوڭكوڭ ئەدىليەسىنىڭ مۇستەقىللىقنى بىكار قىلماقچىمۇ؟ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم پىرىنسىپىنى بۇزماقچىمۇ؟
يۇقىردا تەھلىلچىلەرنىڭ تەھلىلىنى ئۇقۇرمەنلەرگە سۇندۇق.
خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىش بىجىرىش پىرىنسىپى ۋاقىتنى سوزۇپ ساماننىڭ تېگىدىن سۇ يۈگۈرتۈپ جايلاش بولۇپ مەيلى 1989-يىلدىكى ئۇقۇغۇچىلار ھەركىتىنى باستۇرۇش بولسۇن، فالۇن گۇمپىسىنى مەشق قىلغۇچىلار، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى، جازا لاگىرى بولسۇن ھەممىسىنىڭ ۋاقتىنى سوزۇپ دىققەتنى بۇراپ،قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر ئاۋۋال ئىچكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئاساس قىلىش، تاشقى مەسىلنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇپ پۇرسەت كۈتۈش بولغان.

 

___شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرى ئەسلىدە 2015-يىلى باشلانغان بولۇپ چىن چۈئەنگۇو ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن سۈرئىتى تىخىمۇ تىزلەشكەن. جازال لاگىرىدا قوللۇنۇلغان قىيىن قىستاق، مىڭە يۇيۇش، روھى جەھەتتىن تۈگەشتۈرۈش قاتارلىقلانرىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ فالۇنگۇڭچىلارنى باستۇرۇش جەريانىدا ئىگەللىگەن تەرجىربە ۋە سىناقلىرىنىڭ يۇغلانمىسى بولغان. بۇ ئۇسۇللارغا بىرلەشتۈرۈپ نازارەت كامىراسى، يۈز تونۇش سىستىمىسى، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق يىڭى تىخنىكىلارنى بىرلەشتۈرۈپ يىڭى پەللە ياراتقان.شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرى مەسىلىسى بولسا تىخى 2018-يىلى ئاندىن رەسمى ھالدا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئەمدى تىخىمۇ يۇقۇرى بىر بالداق ئۆرلىگەن.___

ۋىىنجاۋنىڭ بىۋاستە بايانلىرى

 

تارىخ قايتا- قايتا تەكرارلاندى. سۇ تۇردى، دۈشمەن تۇرمىدى. ئىبرەت ئېلىش بىزگە قالدى.

 

مەنبەسى: كانادادىكى خىتاي زىيالىسى ۋىنجاۋنىڭ كۈندىلىك مۇلاھىزىسى

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئىلى قوزغىلىڭى - شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت تارىخىدىن پارچە

پە نويابىر 21 , 2019
ئوكلەند ئۇنىۋېرىستىتى (Oakland University) پروفېسسورى لىندا بېنسون (Linda Benson) نىڭ « ئىلى قوزغىلىڭى» (Ili Rebellion ) ناملىق كىتابى1944 -يىلدىن1950- يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ئەڭ ياخشى ،مۇكەممەل بىتەرەپ يېزىلغان بىر ماتېرىيال دەپ قارايمەن. 1944 يىلى 12- نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مەزكۇر كىتابنىڭ 8 - بابىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم . شۇ شانلىق تارىخىمىزنى بىرەر قۇر ئەسلەپ ئۆتۈشىمىزگە پايدىسى بولۇپ قالار. - تۇغلۇق ئابدۇرازاق

You May Like