ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرىشىغا قارشى نارازلىق نامايىش ئۆتكۈزدى

ھىندىستان، مومباي: 14- سېنتەبىر جۈمە كۈنى 150 نەپەر ئەتىراپىدىكى مۇسۇلمانلار ھىندىستاننىڭ مالىيە مەركىزى مومباي شەھىرىدە نارازلىق نامايىش ئۆتكۈزۈپ خىتاينىڭ شىنجاڭ رايۇنى(شەرقى تۈركىستان)دا مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرى ۋە سىياسى ئۆزگەرتىش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشىنى توختۇتۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرىشىغا قارشى نارازلىق نامايىش ئۆتكۈزدى

(ۋاشىنگىتۇن پوچتا گېزىتى خەۋىرى)

   

2018-يىلى 14-سېنتەبىر

تەرجىمان: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

    ھىندىستان، مومباي:  14- سېنتەبىر جۈمە كۈنى 150 نەپەر ئەتىراپىدىكى مۇسۇلمانلار ھىندىستاننىڭ مالىيە مەركىزى مومباي شەھىرىدە نارازلىق نامايىش ئۆتكۈزۈپ خىتاينىڭ شىنجاڭ رايۇنى(شەرقى تۈركىستان)دا مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرى ۋە سىياسى ئۆزگەرتىش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشىنى توختۇتۇشىنى تەلەپ قىلدى.   جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەلۇم بىر مەسچىتنىڭ ئالدىدا مەزكۇر نامايىشقا قاتناشقانلار مۇنداق دەپ توۋلاشتى: «خىتاي دۆلىتىگە زاۋاللىق!»   مۇھەممەد سەئىد نۇرى ئىسىملىك بىر نامايىش ئۇيۇشتۇرغۇچى خىتاينىڭ ناھايتى كۆپ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىننى ئەركىىنلىكىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى شىكايەت قىلدى.   خىتاي نۇپۇسى كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا قاتتىق چەكلىمە قويدى. خىتاي دۆلىتى بۇنداق قىلمىشىنىڭ سەۋەبىنى شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى نامىرات كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن دەپ باھانە كۆرسەتكەن.   خىتاي دۆلىتى بۇ خىلدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى، ھەمدە «تېرورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك»نى تۈگۈتۈش ئۈچۈن لازىملىق چارە قوللىنىۋاتىمىز دېدى.   مەنبە: https://www.washingtonpost.com/world/asia_pacific/indian-muslims-protest-chinas-detention-of-uighur-muslims/2018/09/14/4be7a7c2-b801-11e8-ae4f-2c1439c96d79_story.html?noredirect=on&utm_term=.b8df47b0cbcc    

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئەسر ئۇرۇشى: گىنادى گىلوۋكىن ۋە كانىلو ئەلۋارىز ئوتتۇرسىدا تارىخى بوكس

يە سېنتەبىر 16 , 2018
ئەسر ئۇرۇشى :بوكس ساھەسدىكى بىر مەيدان ئەڭ كەسكىن تارىخى جەڭ :گىنادى گىلوۋكىن بىلەن كانىلو ئالۋارىز ئوتتۇرسدا ئىلىپ بىرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا !

You May Like