ئۇيغۇر شەھەرلىرى «ئۇيغۇرسز شەھەرلەر» گە ئايلانماقتا!

يېقىندا ۋاتس ئاپتا تارقالغان ،ئۈرۈمچى شەھىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىر ۋىدىئودا ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنمىگەنلىكى كىشلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرماقتا.

ئۇيغۇر شەھەرلىرى «ئۇيغۇرسز شەھەرلەر» گە ئايلانماقتا!

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان (ۋاشنگىتون،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى)

2018-يىلى 13-سىنتەبىر

بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، ئەنگىلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقت گېزىتىنىڭ ختتايدا تۇرۇشلۇق ختتاي پۇشتىدىن بولغان مۇخبىرى ئەمىلى فىڭ ئۆزىنىڭ تىۋتىتىر ھسابىدا قەشقەرنىڭ ئادەمسز  شەھەر كوچىلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ ،قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ يەتمىش پىرسەنتى قالمىغانلىقىنى ئاڭلىدىم دەپ يېزىپ ،كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرغانىدى.

يېقىندا ۋاتس ئاپتا تارقالغان ،ئۈرۈمچى شەھىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىر ۋىدىئودا ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنمىگەنلىكى كىشلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرماقتا.

ئون سكۇنىتلىق بۇ ۋىدىئودا  ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات سودا رەستلىرىدىن بىرى بولغان دۆڭكۆۋرۈك بىلەن بۇلاقبېشىنىڭ ئوتتۇرسدىكى سودا رايونى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ،ئالدى بىلەن ئاق مەسجىد،ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈن،زىياپەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان سەردار رستۇرانى جايلاشقان غەربى نۇر بىناسى،ئاۋات سۈبھى سودا سارىيى بىناسى،ئالتۇن بۇلاق سودا سارىيى ،كۆپىنچە بىمارلىرى ئۇيغۇرلار بولغان ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى،ئاياس تاللاس بازىرى،سالار مەسجىدى ،ئاخىرىدا قۇتاد سودا سارايلىرىنڭ ئالدى كوچىلىرى تىز سۈرئەتتە كۆرسىتىلگەن بولۇپ،مەزكۇر سۈرئەتتە شەھەردە ھىچقانداق ئادەم قالمىغانلىقى ئوچۇقلا بىلىنىدۇ.مەزكۇر ۋىدىئودا يەنە ساقچى پونكىتى كۆرۇنىدۇ،بىر نەچچە ئوقۇغۇچى فورمىسى كەيگەن بالىلارنى ،يولنىڭ يان تەرىپىدە قورشالغان رىشاتكىلىق ماشىنا توختىتىش مەيدانىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

مەزكۇر قسقا ۋىدىئو كۈندۈز سائەتلىرىدە تارتىلغان بولۇپ،نورمال شەھەر مەنزىرسگە قەتئى ئوخشمايدۇ.كۈزەتكۇچىلەردىن تۈركىيەدىن تىجارەتچى ياسنجان مۇنداق دىدى:مەن ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان،سۈرەتتىكى مەنزىرە مىنى ھەيران قالدۇردى.مەن بىلىدىغان ئاق مەسجىد ئالدى ئادەملەر قاينايدىغان،سودا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان،ھەتتا ئادەملەرنىڭ كۆپلۇكىدىن قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدىغان بىر شەھەر ئىدى.ئۇيغۇرلىرىمىزنى تۇتۇپ،سولاپ ،كوچىلاردا ئىگىسز بالىلىرىمىزمۇ قالماپتۇ…

ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتچى جون  ئەپەندى بۇ ۋىدىئوغا :كىشنى چۆچۈتىدۇ :دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازىدىن ئاشلى خانىم :ئشەنگۇم كەلمەيلا قالدى، دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇچ يىل ئىلگىرى ختتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات مەنزىرسنى تەشۋىق قىلغاندا،ئۈرۈمچى ئىنتايىن گۇزەل،ھەر مىللەت ئىناق،كىشلەر بەختىيار،ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات سودا رەستىلىرىدە ئادەم ئۈزۈلمەيدۇ،دۆڭكۆۋرۈكنىڭ كۈندىلىك ئادەم ئېقىش نسبىتى 200 مىڭ ئەتراپىدا دەپ ساياھەت تەشۋىقاتلىرى ئشلىگەن بولۇپ،بۇگۇنكى 2018-يىلى 9-ئاينىڭ باشلىرىدا بۇ رايوندا 200 ئادەمنىڭ مىڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.بۇنىڭدىن بۇرۇن غۇلجا شەھەر كوچا-مەھەللىرى ئىكەنلىكى ئ‍سپاتلانغان سۈرەتلەردە ،مەھەللە-كويلاردا ئادەم يوقلۇقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئەرەب مېدىياسى:خىتاي ھۆكۈمىتى ھاجىلارنى ئىلىكترونلۇق يىپ بىلەن كونتىرۇل قىلغان

پە سېنتەبىر 13 , 2018
ئامېرىكا The Atlantieژورنىلنىڭ سالاھىيتىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان خەۋەر مەنبەلىرىدىن خەۋەر قىلىشچە : خىتاي ھۆكۈمىتى قۇشقا ئوخشايدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئۆزىنىڭ خەلقىنىڭ ئىش ھەركەتلىرىنى كۆزىتىۋاتقان.

You May Like