ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
تۇيغۇ
2021-01-03
يېقىندا ، بىر ئىقتىسادشۇناس ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۆزگۇر دەمىرتاش ( özgür demirtaş ) ئىسىملىك بۇ پروفېسسور سابانچى ئۇنىۋېرسىتېتى مالىيە فاكۇلتېتىنىڭ باشلىقى. ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكىدا تۇرغان ، ھەمدە 2012-يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ دائىم تېلېۋىزوردا پەيدابوپ تۇراتتى ، ئەمما 2016-يىلدىن باشلاپ ئۇ تېلېۋىزورغاچىقىشنى رەت قىلغان.
بۇ يىل يۇقۇم جەريانىدا، پروفېسسور ئۆيىدە ئىشلىگەن بولۇپ ، ئۇ ئۆزنىڭ يۇتۇپ قانىلىدا ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە توغرىسىدا دەرىس سۆزلەپ كەلمەكتە . قانالنىڭ ئۇلانمىسىنى ماقالىنىڭ ئاستىغا چاپلاپ قۇيىمەن . بۇگۇن بىرلىكتە يىقىندا چىقارغان بىر دەرىسى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى .
بۇرسادا بىر كىشى بولۇپ كونا بىر ئۈسكۈنىگە يەنى تۇڭ دەك نەرسىگە 7 يىل تەڭگە تاشلاپ يىققان . 7 يىلدىن كېيىن ، ئۇ جەمى 12 مىڭ 800 لىرا (ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا 152 لىرا) يىققان . شۇ چاغلاردا تاراتقۇلاردا خەۋەرقىپ خلى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ، بۇنىڭغا قارساق تېجەش ھەقىقەتەن مۇھىمدەك قىلىدۇ.
پروفېسسور بۇ ئىشقا مەخسۇس سىن ئىشلىگەن بولۇپ . ئۇ ھەر ئايدا يىغىلغان 152 لىرانىڭ ئوخشىمىغان كىرىم مەنبەسىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق بىر قانچە خىل مەبلەغ پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان بۇلۇپ ، شۇنداق قىلىپ كۆپچىلىككە پۇل پاخاللىقى ۋە پۇل پاخاللىقى ئېغىر دۆلەت بولغان تۈركىيەدە پۇلنى قانداق باشقۇرۇشنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇكىشنىڭ پۇل يىققان ۋاختىدىن باشلىساق يەنى 2013-يىلى 9-ئايدىن بۇ يىل ئاۋغۇستقىچە. جەمى 12 مىڭ 800 لىرا يىغىلغان .
ئەمدى بىز پروفېسسورنىڭ بۇ پۇل قانداق يىغىلسا بۇنىڭدىنمۇ جىق يىغالايدىغانلىقىنى كۇرۇپ چىقىلى.
بىرىنجىسى ئەڭ تۆۋەن چېكى 12 مىڭ 800 لىرا بولۇپ ، بۇ ھازىرقى پۇل يىغىش ئۇسۇلىنىڭ كىرىمى.
ئىككىنجسى ھەر ئايداتۈركيە پاي چەك بازىردىن ئالدىنقى 100 چوڭ شىركەتنىڭ خالىغان پىيىنى سىتۋىلىش . بۇ ھىساپ بىلەن يىغىلغان پۇل يەتتە يىلدىنكىيىن جەمى 15666 لىرا بولغان .
ئۈچىنجى ئۇسسۇل ، ئاۋغۇستتىكى پېرېۋوت نىسبىتىگە ئاساسەن ھەر ئايدا يىغىلغان 152 لىرا پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئايلاندۇرۇپ دوللار يىغىش بۇ ھىساپبىلە يەتتە يىلدىنكىن جەمى كىرىم 27مىڭ 844لىرا بولغان .
تۆتىنچىسى بولسا ھەر ئايلىق يىغىلغان پۇلىغا ئالتۇن سېتىۋېلىش. بۇنداق بولغاندا يەتتە يىلدىنكىنكى بۇگۇنگى كۇندا جەمى 43.318 لىرا بولاتتى .
بەشىنجى ئۇسسۇل ئەڭ يۇقىرى بۇلۇپ ھەر ئايدا يىغىلغان پۇلغا ئامېرىكا پاي بازىرىدا پاي سېتىۋېلىش ، بۇنىمۇ ئوخشاش ئالدىنقى 100 چوڭ شىركەتنىڭ پيىنى سېتىۋالىمىز . بۇ ئۇسسۇلدا يىغىلغان پۇلى يەتتە يىلدىنكن جەمى 73127 لىرا بولغان .
ئۇ يەنە بىر سىنئالغۇدا ئاددىي سىتاستىكا ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ 2023-يىلغا بارغاندا ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
تۈركچىگە قىزىقىدىغان ۋە بىلىدىغان دوستلارنىڭ ئۇ ئىلگىرى قاتناشقان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرۇپ چىقىشنى ئۈمۇت قىلىمەن.
مەن كۆپچىلىكنىڭ بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە تارىخى تەكرارلاش بۇلۇپ ، يېڭىلىق يوق. ئېغىر مالىيە قىزىل رەقىمى ، چوڭ تاشقى پېرېۋوت پەرقى ، مەركىزىي بانكا مۇستەقىل ئەمەس ، ھۆكۈمەت پۇل تېجەلمەيدۇ ، سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس. مانا بۇلار بولسا تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ناچار بولىشىدىكى سەۋەپلىرى .
ئاخىردا تۈركيەدەك پۇل پاخاللىقى ئىغىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان قىرىنداشلارنىڭ يىڭى بىر يىلدا قايتىدىن ئىقتىسادقا بولغان كۆزقارشىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمۇت قىلىمەن .