Untitled Reusable Block

 29-دېكابىر ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىدا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا چەتئەلدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك«خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى. بۇ ۋەخپە ھازىرغىچە ئۇيغۇر تېبابىتى بۇيىچە بەش قارار ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسى ئاچقان ئىدى. 

يىغىن ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان دورىگەر ئادىلجان بۇ يىغىندىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ شۇلارنى بايان قىلدى: 

ۋەتەندە پېشقەدەم تېۋىپلىرىمىزنىڭ بىر بىرلەپ دۇنيادىن كېتىشى، قولغا ئېلىنىشى ۋە ئەركىن پائالىيەت قىلالماسلىقى، شۇنىڭدەك خىتتايلارنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىنىمۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا خىرىس قىلىۋاتقان پەيتتە، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەتقىقات ۋەخپى مەسئۇلى مۇتەللىپ ئەلى ھاجى ئەمچىنىڭ باشچىلىقىدا ۋە بىر قىسىم تېبابەت خادىملىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئېچىلغان بۇ يىغىن ئۇيغۇر تېبابىتىنى تۈركىيە ۋە دۇنياغا تونۇتۇش، ئۇيغۇر تېبابىتىنى قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش، كىنىشكىسىز ياكى يەككە ھالەتتىكى ئۇيغۇر تېبابەت كەسپىنى قانۇنغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ۋە سېستىمىلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

 مەلۇم بۇلۇشىچە بۇ يىغىندا «خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكى ئىلمىي جەمىيىتى» قۇرۇلغان. 6 ئايدا بىر چىقىدىغان «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىلمىي ژۇرنىلى» تەسسىس قىلىنغان ۋە تۇنجى سانىغا دوكتور رىشات ئابباس قاتارلىق 7، 8 ئالىمنىڭ ئىلمىي ماقالىسى بېسىلغان. 

يىغىن زالىغا مىلادىدىن بۇرۇنقى تېبابەت ئالىمى غازىبايدىن تارتىپ ھۈسەيىن تەجەللى، خالمۇرات غۇپۇرغىچە بولغان تېبابەت ئالىملىرىمىزنىڭ رەسىمى، قىسقىچە تەرجىمەھالى ۋە ۋەكىللىك ئەسەرلىرى ئېسىلغان. 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

سە دېكابىر 31 , 2019

You May Like