كانادا كېڭەش پالاتاسىنڭ ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان خىتاي

سىنگاپورلۇق خىتاي پۇشتىدىن بولغان كانادا پۇقراسى Yuen Pau Woo (胡元豹)، 58 ياش، ئاكادېمىك. كانادا ۋە شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار ئورگانلاردا 30 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2016- يىلى كانادا سەناتورلۇقىغا سايلانغان ۋە مۇستەقىل سەناتۇرلار گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، بۈگۈنگىچە رەئىسلىكىنى ئۆتىمەكتە.

تەيييارلىغۇچى: ئەكرەم ئىلىك

سىنگاپورلۇق خىتاي پۇشتىدىن بولغان كانادا پۇقراسى Yuen Pau Woo (胡元豹)، 58 ياش، ئاكادېمىك. كانادا ۋە شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار ئورگانلاردا 30 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2016- يىلى كانادا سەناتورلۇقىغا سايلانغان ۋە مۇستەقىل سەناتۇرلار گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، بۈگۈنگىچە رەئىسلىكىنى ئۆتىمەكتە.

ئۇ 29- ئىيۇن سەناتۇرلار مۇزاكىرىسىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، كانادانىڭمۇ ئىلگىرى ھىندىئانلارغا خۇددى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدەكلا سىياسەت قوللانغىنىنى، شۇڭا بېيجىڭنى قاتتىق ئەيىبلەشنىڭ ئاساسسىزلىقى ۋە پەقەتلا گۇناھ ئارتىش قىلمىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ب د ت دىكى خىتاي ۋەكىلىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە كاناداغا بەرگەن رەددىيەسى بىلەن ئوخشاش چىققان.

ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش قاتارلىق قىلمىشلار توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كانادا دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان قىسقىغىنا تارىخىدا يەرلىك مىللەتلەرگە قىلىپ باققان. يەنە كېلىپ ھازىرمۇ كۆچمەنلەرنى چەتكە قېقىپ، قارشى ئالمايۋاتىدۇ.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى دېگەن: «ئۇيغۇرلاردىن ئەنسىرەشلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سەناتۇرلار بۇنداق سەزگۈر قارارلارنى ئېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. چۈنكى بۇ خىتاينى بىھاجەت بىر خىجىلچىلىققا قويىدۇ، شۇنداقلا كانادا خۇددى ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكتە تۇرغاندەك بىر تۇيغۇ بېرىدۇ … كانادالىقلار بەلكىم ئۇيغۇرلاردىن ئەنسىرىگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىز تەنقىدنى دوستلۇقنى چىقىش قىلغان ھالدا خىتاينىڭ كۆپ مىللەت سىياسىتىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىت قىلغان بىر ھالەتتە ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك.»

«خىتاينىڭ شەخسىي ئەركىنلىك توغرىسىدىكى قارىشى بىزنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ قانۇنىمىزنى چىقىش قىلىپ، ئۇلارغا دەرس بەرسەك بولمايدۇ. ئەكسىچە بەلكىم خىتايدىكىلەر بىزنىڭ بەزى قانۇنلىرىمىزدىن چۆچۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.»

«يېقىندا بىر خىتاي بىلەن سۆزلەشتىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە بەزى كانادالىقلار خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ھۈنەر – كەسىپ ئۈگىتىدىغان ۋە ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، تۇرمۇش سەۋىيىسىنى كۆتىرىدىغان سىياسەتلىرىنى چۈشىنىپ قوللايدىكەن، ئەمما مېدىيالاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە كۈلتۈرال ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن بىئارام ئىكەن.»

«خىتاي خەلقى خىتايدىكى دېموكراتىيەدىن رازى. غەربنىڭ دېموكراتىك سايلىمى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ ئالمىشىشىنىڭ سانائەت دۆلەتلىرىدىكى خەلققە داۋاملىق تۈردە پايدا يەتكۈزمىگىنىنىمۇ كۆرىۋاتىمىز … گەرچە ياقتۇرمىساقمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى قانۇنلۇق دېيىشىنى رەت قىلساق بولمايدۇ.»

شۇ كۈنكى ئاۋازغا قويۇشتا 29 ئاۋاز قوللاش، 33 ئاۋاز قارشى چىقىش ۋە 13 ئاۋاز ۋاز كېچىش نەتىجىسىدە مەزكۇر تەكلىپ تەستىقلانمىغان.

Uyghur Reporter

Next Post

دىپلومات ژۇرنىلى پاكستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ماسلىشپ تۇتۇپ بېرىشى، باستۇرۇشى ھەققىدە تەپسلىي خەۋەر ئېلان قىلدى.

يە ئىيۇل 18 , 2021
ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق سياسى ئىشلار ژۇرنىلى «دىپلومات» تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى، تۇتۇشى، پاكىستاندا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشى ھەققىدىكى قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان.

You May Like