يەنەرئوغلۇ : خەلىقئارا جەمىئەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋازىنى يۈكسەلتىشى كېرەك

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى يەنەرئوغلۇ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى كىشلىك ھوقۇق مىخانىزمالىرىنى شىنجاڭدىكى (ش ت) مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمەن .»،دىدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى يەنەرئوغلۇ : خەلىقئارا جەمىئ‍ەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋازىنى يۈكسەلتىشى كىرەك

 

 

2018-يىلى 14-سېنتەبىر

ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:ئىقبال

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

  ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى يەنەرئوغلۇ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى كىشلىك ھوقۇق مىخانىزمالىرىنى شىنجاڭدىكى (ش ت) مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمەن .»،دىدى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى يەنەرئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى كشلىك ھوقۇق مىخانىزمىلىرى ۋە خەلىقئارا جەمىيەتنى خىتاينىڭ شىنجاڭ رايۇنىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق باستۇرۇشىغا قارشى ھەركەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى. يەنەرئوغلۇ ئانادولۇ ئاگىنتلىقى مۇخبىرىغا، خىتاينىڭ شىنجاڭ (ش ت )رايۇنىدا ياشاۋاتقان ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇشقا مۇناسۋەتلىك سۆز قىلدى. كىشلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى(HRW)نىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ رايۇندا ، ئازسانلىق مۇسۇلمانلارغا قارشى سادىر قىلىۋاتقان كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسۋەتلىك دوكلاتىغا ئىلاۋە قىلغان يەنەرئوغلۇ ،خىتاينىڭ غەربى شىمالىدا ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا، مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇرۇشقا، ئوپچە جازالاندۇرۇشقا، ئىش -ھەركەت ۋە ئۇچۇر-ئالاقىنىڭ چەكلىنىشگە، ئىغىر دىنى چەكلىمىلەر گە دۇچ كەلگەن، ئىغىر كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىدى دەپ قارالغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق 13 مىليۇن تۈركنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى خاتىرلاتتى. يەنەرئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقى ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىتايدىكى ئەھۋالنى بۇيىلنىڭ ئاۋغۇست ئىيىدا كۆزىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ۋە شىنجاڭنى « ھىچقانداق ھەق ھوقۇق ئىجرا قىلىنمىغان رايۇن» دەپ بىكىتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن چىققان دوكلاتلارنىڭ بىرى بىرىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئىما قىلغان يەنەرئوغلۇ سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى: «دوكلاتنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئازسانلىق ئېتنىك ۋە دىننى گۇرۇپلارغا قارشى زورلۇق زومبۇلۇق تۈسىنى ئالغان چەكلىمىلەرنى ئىجرا قىلماقتا.» دوكلاتتا يەنە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رامازان ئىيىدا زوھورلۇق ئەتكەنلەرگە ئاۋارچىلىق تۇغدۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۈستىدىكى بىسىمى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەسچىتلەرنىڭ تاقىلىشى،ئۆزگەرتىلىشى،خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىش چەكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.» يەرەلئوغلۇ ، دوكلاتقا ئاساسلانغاندا ،ئۇيغۇرلارنىڭ نازارەت لاگىرلىرىغا سولانغانلىقىنى ۋە مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇرىش سىياسىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ،خەلىقئارا جەمىيەت بۇ خۇسۇستىكى دوكلاتلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى ۋە سەل قارىماسلىقى كىرەك دەپ سۆزلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى كىشلىك ھوقۇق مىخانىزمالارىغا قوشۇلۇپ خەلىقئارا جەمىيەتنىڭمۇ، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى سىستىلىق باستۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ھەم كۆپ تەرەپلىمە ھەم بىر تەرەپلىمە شەكلىدە ھەركەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىمەن. دىگەن يەنەرئوغلۇ ،خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى يىقىندىن كۆزىتىشكە،خەلىقئارا قانۇنلارغا ۋە كىشلىك ھوقۇق نىزامنامىلىرىغا رىئايە قىلىشى توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىسم قىلىشنى داۋاملاشتۇردىغانلىقىنى قەيىت قىلدى.   مەنبە: https://www.aa.com.tr/tr/turkiye/ak-parti-istanbul-milletvekili-yeneroglu-uluslararasi-toplum-uygurlar-icin-sesini-yukseltmeli/1254849

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرىشىغا قارشى نارازلىق نامايىش ئۆتكۈزدى

شە سېنتەبىر 15 , 2018
ھىندىستان، مومباي: 14- سېنتەبىر جۈمە كۈنى 150 نەپەر ئەتىراپىدىكى مۇسۇلمانلار ھىندىستاننىڭ مالىيە مەركىزى مومباي شەھىرىدە نارازلىق نامايىش ئۆتكۈزۈپ خىتاينىڭ شىنجاڭ رايۇنى(شەرقى تۈركىستان)دا مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرى ۋە سىياسى ئۆزگەرتىش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشىنى توختۇتۇشىنى تەلەپ قىلدى.

You May Like