ئۇيغۇر تېكىن
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 5-يانۋار
2022-يىلى 4-يانۋار سەيشەنبە كۈنى، ئىستانبۇلنىڭ يېڭى بوسنا رايونىغا جايلاشقان گوررىيون مېھمانسارىيىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرۇشى، ئىسلام ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى: سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نامىدا چوڭ تىپلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا لېكسىيە بېرىشكە، خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇناسىۋەتلىرىدە تونۇلغان، ئېتىراپ قىلىنغان نوپۇزلۇق شەخسلەر ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى. مەسىلەن: خىتاي -ئەرەب دۆلەتلىرى مۇتەخەسسىسى مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر، ئىرۇسالىم تارىخى ۋە ئىسلام دۇنياسى مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەمىل خەلىيفە، ئازسانلىق مۇسۇلمانلار تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى دوكتور مۇھەممەد سەفەر، ئەلجەزىرە شىركىتى پاكىستان شۆبىسىنىڭ سابىق دىرېكتورى دوكتور ئەخمەد مۇۋەففەق زەيدان، سابىق ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى مەسلىھەتچىسى مۇفىد يۈكسەل، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى، ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى، ساباھدىن ئەل زەيىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلام ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور. دوكتور سامى ئەريان، خەلقئارا سىياسىي قانۇن مۇتەخەسسىسى، خەلقئارالىق ئادۋوكات تارق شەندوب قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر لېكسىيە سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى.
يىغىن ئىككى ئولتورۇمغا ئايرىلغان بولۇپ، بىرىنچى ئولتورۇم خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئىسام ئابدۇشافىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئىسلام ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى دوكتور سامى ئەرياننىڭ ئېچىلىش سۆزى بىلەن باشلاندى. ئىككىنچى ئولتورۇمغا دوكتور ئابدۇلۋارىس خوتەن رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە شەرقىي تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخاننىڭ ئېچىلىش سۆزى بىلەن باشلاندى.
يىغىندا، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، گېئو-سىياسىي ئەۋزەللىكى»، «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە خىتاينىڭ ئىنسانىيلىققا زىت جىنايى قىلمىشلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى»، «ئافغانىستاندىكى ئۆزگىرىش ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ رېئاللىقىغا بولغان تەسىرى»، «تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى مەيدانى ۋە ئومۇمىي سىياسىتى»، «ئەرەب تاراتقۇلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى رولى: تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەر»، «ئەرەب دۇنياسىدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇر»، «ئامېرىكا ، خىتاي ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى توقۇنۇش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ توقۇنۇش تەڭلىمىسىدىكى ئورنى»، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كەلگۈسىگە دائىر قانۇنىي تەكلىپلەر » قاتارلىق ماۋزۇلاردا لېكسىيە سۆزلەندى. يىغىنغا خىتاي -ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى تەتقىقاتچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، تۈركىيەدە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئەرەب تىللىق چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى. يىغىن جەريانىدا ئىشتىراكچىلارنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا مۇتەخەسسىسلەر ئەتراپلىق جاۋاب بەردى، يىغىن باشتىن ئاخىرى قىزغىن كەيپىياتتا داۋام قىلدى.
يىغىننى تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق قاناللاردا مەخسۇس نەق مەيدان تارقاتتى. ئەرەب دۇنياسىدىكى تەسىرى كۈچلۈك قاناللاردىن «ئەلجەزىرە»، «قىناتۇلمۇكەللەمىين» قاتارلىقلار مەخسۇس خەۋەر ئىشلىدى.
يىغىننىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇش سەۋەبى ۋە مەقسىتى، شۇنداقلا ئۇتۇقلىرى ھەققىدە، مەزكۇر يىغىننى ئەڭ بېشىدىن تارتىپ بىر قوللۇق پىلانلىغان، تەرتىپلىگەن ۋە ئىجرا قىلغان، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاكادېمىيەسى تەتقىقاتچىسى، خىتاي -ئەرەب دۆلەتلىرى مۇتەخەسسىسى، كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
« ئەرەب دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان تونۇشى بەكلا يۈزەكى، ھەتتا، ئاكادېمىك ۋە سىياسەت ساھەسىمۇ كۆپىنچە خىتاي مەنبەلىرىدىن ئالغان مەلۇماتقا تايىنىدۇ. ئەرەبچە سىياسىي قانۇن پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا مۇشۇنداق بىر يىغىننىڭ ئېچىلىشىنىڭ تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانىدىم. بۈگۈن نېسىپ بولدى. يىغىننىڭ مەقسىتىنى قىسقىچە بىرقانچە نۇقتىغا خۇلاسىلەش مۇمكىن:
1) ئەرەب دۇنياسىغا نىسبەتەن بىر قەدەر ناتونۇش ھېسابلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي جۇغراپىيەلىك، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، دىنىي ۋە دېموگرافىك قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئەرەب خەلقىنى، بولۇپمۇ ئەرەب سەرخىللىرىنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىش،
2) شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان داۋالغۇشلۇق كۈرەش مۇساپىسى ھەققىدە كرونولوگىيەلىك مەلۇمات سۇنۇش،
3) شەرقىي تۈركىستان سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەتلەر ھەققىدە قىسقىچە دوكلات سۇنۇش،
4) ئەرەب سەرخىللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئەرەب دۇنياسىدا كۈنتەرتىپ ۋە ئاممىۋى قارالمىغا ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئاساس ھازىرلاش،
4) مەۋجۇت پۇرسەت ۋە خىرىسلارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، يېقىن كەلگۈسىدە ئەرەب سەرخىللىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئېھتىماللىقى بولغان نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش،
5) ئەرەب دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پەقەتلا خىتاي تەمىنلىگەن، بۇرمىلانغان مەلۇماتلاردىن بىلىش مۇساپىسىگە خاتىمە بېرىپ، ئالتېرناتىۋ بىر مەنبەنىڭ قەدىمىگە ئاساس سېلىش.»
يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر: