ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن خىتتايغا خىتاب: ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ماڭىمۇ كۆرسەت

خىتاي داڭلىق ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيتنى جازا لاگىرىدا ۋاپات بولدى دەپ تارقالغان خەۋەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سىنئالغۇ چىقارغاندىن كېيىن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىدا خەشتەگ #مەنمۇ ئۇيغۇر پائالىيىتىنى تېزدىن جانلاندۇرۇپ، خىتتايدىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە ئىسپات تەلەپ قىلدى.

ئەلجەزىرە ئىنگلىزچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 14- فېۋرال

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: بانۇ سۇتۇق

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-14

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاي داڭلىق ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيتنى جازا لاگىرىدا ۋاپات بولدى دەپ تارقالغان خەۋەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سىنئالغۇ چىقارغاندىن كېيىن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىدا خەشتەگ #مەنمۇ ئۇيغۇر پائالىيىتىنى تېزدىن جانلاندۇرۇپ، خىتتايدىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە ئىسپات تەلەپ قىلدى

بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ جازا لاگىرىغا سولىنىشى، خىتتاينىڭ تېلفۇندا سۆزلىشىش ۋە ئۇچۇرلىشىشنى قاتتىق نازارەت قىلىشى تۈپەيلىدىن چەتئەلدىكى كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. #مەنمۇ ئۇيغۇر پائالىيىتىنىڭ باشلىغۇچىسى خالمۇرات مۇنداق دېدى: « خىتتاي ھۆكۈمىتى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇنداقتا قالغان بىر مىليون ئۇيغۇرچۇ، ئۇلار نەدە؟» ئامېرىكىدىكى سىياسى پائالىيەتچى روشەن ئابباس، ئارسىلان ھىدايەت، ئابدۇل مۇقەددەس قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى پەترىك پۇن(Patrick poon)مۇنداق دېدى: « بۇ پائالىيەت ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئامانلىقىدىن ئەنسىرەپ تۇرىۋاتقان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا كەم تېپىلىدىغان بىر پۇرسەت بولۇپ، خىتاينىڭ ترورىزىمغا قارشى تۇرۇش باھانىسىنى ئاجىزلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. (جازا لاگىرىغا سولانغانلار) ئۇلار ئادەتتىكى  ئىنسانلار، خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاشقۇنلۇق ۋە ترورلۇقتا ئەيبلىيەلمەيدۇ

(*قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى)

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://www.aljazeera.com/news/2019/02/muslim-uighurs-china-release-proof-kin-alive-xinjiang-190213115944618.html?fbclid=IwAR2swF3fBd6MPZqFZK8TPNRPerQmPZD234TF1K2Y_BvqYcy9sgJE821KoJ8

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ب ب س : تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى نامايىشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى « 10000 بولغان»

پە فېۋرال 14 , 2019
ئەنگىلىيىنىڭ يېڭىدىن ئاشكارا قىلغان ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئارمىيىسى 1989-يىلى تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى نامايىشنى باستۇرۇشتا ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ سانى ئاز دىگەندە 10000 كىشى بولغان.

You May Like