يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغۇچىلار ئەنگىلىيە باش ۋەزىرىگە چاقىرىق قىلدى

يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغۇچىلار ئەنگىلىيە باش ۋەزىرىگە چاقىرىق قىلدى

ئەكرەم ئىلىك

 

23- فېۋرال يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھايات شاھىتلىرىدىن ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق رۈس بارنېت (Ruth Barnett) ۋە دورىت ئولىۋېر ۋولف (Dorit Oliver wolff) بۈگۈن ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، 24- فېۋرال ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى قانۇن لايىھەسى توغرىسىدىكى بېلەت تاشلاشتىن ئىلگىرى، باش ۋەزىر بورىس جونسون بىلەن يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلدى.

 

خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىق بىزنى بەك ئەنسىرەتتى. ئەنگلىيەنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ يامانلىشىشىنى توسۇشتا يېتەرلىك كۈچ چىقارماسلىقى بىزنى بىئارام قىلدى… شاھىد بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىرغىنچىلىقنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر روھى زەربە پەيدا قىلىدىغىنىنى بىلىمىز. ھەر قانداق ۋىجدان ئىگىسى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمالمايدۇ… سىز يەھۇدىي قىرغىنچىلىق كۈنىدىكى نۇتقىڭىزدا: «چوڭ قىرغىنچىلىقتىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەكتى، لېكىن يەنىلا ئۇنداق قىلالمىدۇق.» دەپ كامبودژا، رىۋاندا، بوسنىيە ۋە دارفور قىرغىنچىلىقلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكىنىڭىزدە تەسىرلەندۈرگەن ئىدۇق… ئەمما «ھەرگىز تەكرارلانمىسۇن!» دېگەن شۇئار ھازىرغىچە مەغلۇپ بولۇپ كەلدى…  سودا-سېتىق ئىنسان ھاياتىدىن ئۈستۈن تۇرماسلىقى كېرەك… ئەنگلىيە ب د ت ۋە خەلقئارا سوتىنىڭ چەكلىك كۈچىنىڭ بۇ ئىشلارنى ھەل قىلالمايدىغىنىنى كۆرسىتىپ بەردىيۇ، ئەمما بۇنى ھەل قىلىشقا ھېچ ئۇرۇنمىدى… بۇ قېتىمقى ئىش ئەمىلىيەتتە ئەنگلىيەنى مۇشۇ جەھەتتە دۇنيانى باشلاپ مېڭىشتەك لېدىرلىق ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ…  ئەپەندىم، كەلگۈسىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىمۇ خاتىرىلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىز بىلەن بىر كۆرۈشۈڭ. «ھەرگىز تەكرارلانمىسۇن!» نى قارار قىلىش ھوقۇقى سىز ۋە بىزنىڭ قولىمىزدا.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايتىنى يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېلەت تاشلىدى

دۈ مارت 1 , 2021
گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايتىنى يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېلەت تاشلىدى

You May Like