گوللاندىيەدىكى تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن قىلغان ئەرزى قوبۇل قىلىندى

ئىنسانلىق ھەقلىرىمىزنى قانۇن بىلەن قوغداش ئۈچۈن ئېلىنغان تۇنجى خەيرلىك قەدەم!

 

 

2020-8-25

 

ئىنسانلىق ھەقلىرىمىزنى قانۇن بىلەن قوغداش ئۈچۈن ئېلىنغان تۇنجى خەيرلىك قەدەم!

 

گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى

 

2019-يىلى 5-ئايدا گوللاندىيەدىكى ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا شەكىللەنگەن «گوللاندىيە تەشكىلاتلار مۇنبىرى»مىز، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىپ، ئەركىن دۇنيادا، چەتئەل گىراجدانلىقىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەھدىتى سەۋەبلىك  گوللاندىيەدىكى نورمال كۈندىلىك تۇرمۇشىغىمۇ تەسىر يېتىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ھەقتە گوللاندىيەدىكى ھەر قايسى ساقچى ئورۇنلىرىغا دىلو مەلۇم قىلىش  پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى. گەرچە دەسلەپتە دېلو مەلۇم قىلىش ئىشلىرى يەرلىك ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىنىڭ ئانچە يۇقىرى بولمىغانلىغى سەۋەبلىك، بىر قىسىم ساقچىخانىلاردا دىلو مەلۇم قىلىش ئىشلىرى بىر ئاز توسالغۇغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما تەشكىلاتلار مۇنبىرىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئەستايىدىل ئىزدېنىشى ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار پۈتكۈل گوللاندىيە مىقياسىدىكى بارلىق ساقچى ئىدارىلىرىدا دىلو مەلۇم قىلىشى ئۈچۈن ساقچى دائىرىلىرى قولايلىق يارىتىپ بەردى.

 

بۇ پائالىيەت تەشكىلاتلار مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، دىلو مەلۇم قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىل قىيىنچىلىقى ۋە باشقا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرى ھەل قىلىنىپ، دىلو مەلۇم قىلغۇچى قېرىنداشلىرىمىز سانى بەلگىلىك دەرىجىدە كۆپىيىپ، ئۇلارنىڭ ئارخىپلىرى گوللاندىيە ئەدلىيە ئىدارىسىغا ئارخىپلاشتۇرۇپ ئەۋەتىلگەنىدى. گوللاندىيە ئەدلىيە ئىدارىسى دىلولارغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ، گوللاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىگە سۇنغان ۋە 24-ئاۋغۇس كۈنى «گوللاندىيە تەشكىلاتلار مۇنبىرى»غا كۆرۈشۈش  تەكلىپى ئەۋەتكەن.

 

 بۈگۈنكى بۇ كۆرۈشۈشكە ئەسلىدىكى «گوللاندىيە تەشكىلاتلار مۇنبىرى»دىن «گوللاندىيە تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى»غا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يېڭى تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن ئوبۇلقاسىم ھاجىم، ئابلەت باكېر ۋە ئابدۇقۇيۇم قاتارلىقلار قاتناشتى.

 

گوللاندىيە ئەدلىيە ئىدارىسىدىن بۇ مەسىلە ھەققىدە بېرىلگەن جاۋاب تۆۋەندىكىچە:

 

<گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار گوللاندىيە قانۇنى بويىچە قوغدىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ گوللاندىيە گراجدانى سۈپىتىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشى گوللاندىيە قانۇنىغا خىلاپ بىر قىلمىش بولۇپ، بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئەلۋەتتە يول قويمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن سىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىلەرگە سالغان تەھدىتلىرىنى قانۇن دائىرىلىرىگە مەلۇم قىلىپ، ئۆز ھەق – ھوقۇقۇڭلارنى قوغدىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. بىز بۇ ھەقتە گوللاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرىغا بىر دوكلات سۇندۇق. دوكلاتتا گوللاندىيە تاشقىي ئىشلىرى مىنىستېرلىكىنىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاي بىلەن دىپلوماتىك يوسۇندا سۆزلىشىپ ، ھەل قىلىش تەكلىپى بېرىلدى. گوللاندىيە گراجدانى بولغان ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ھەق – ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە قوغدىشىنى قوللايمىز>.

 

گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەھدىتىنى قانۇن بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالغان بۇ تۇنجى قەدىمى، يۇقارقىدەك خەيرلىك  جاۋابقا ئېرىشتى. ئەدلىيە مېنىستېرلىكىنىڭ بۇ جاۋابى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلەردە  گوللاندىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەل قىلىشىنى بىۋاسىتە تەلەپ قىلىدىغان جىددىي مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

 

ئۇنداقتا بۇ مەسىلە ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

 

  1. ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇننى قورال قىلىشى،  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى تۆھمەتلىرىنىڭ يالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا جامائىتىگە ئېچىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز  ھەقلىرىنى قوغداشتا قانۇننى ئالدىنقى تاللاش قىلىدىغان تېنچلىقپەرۋەر، مەدەنىي بىر خەلق ئىكەنلىكىنى نامايەت قىلىدۇ.
  2. ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۆز پۇقرالىرىنىڭ باشقا بىر دۆلەت تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىشى، بولۇپمۇ ئۆز دۆلىتىدە خىتاينىڭ قانۇن يۈرگۈزۈشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى گوللاندىيە گىراجدانلىرىنىڭ  خىتاينىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ گوللاندىيە دۆلىتى ئىچىدە خىتاي قانۇنىنى يۈرگۈزۈش ھوقۇقى يوق.  بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىشى گوللاندىيەنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى گوللاندىيەگە قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت.
  3. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ئاتلاپ، باشقىلارنىڭ دۆلىتىدە خىتاي قانۇنىنى يۈرگۈزۈشى ، يەنى گوللاندىيە ياكى باشقا چەتئەل گراجدانلىقىغا ئۆتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارنى، خىتاينىڭ قانۇنىغا  بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىشى دۇنيا قوبۇل قىلالمايدىغان غەلىتە بىر ھادىسە بولۇپ، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۈستىدىن قانۇن ئورگانلىرىغا دىلو مەلۇم قىلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق – ھوقۇقلىرىنى  ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىنىڭ قانۇنى بويىچە قوغداپ، قانۇن ئارقىلىق خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق  جانلىنىپ، خەلقئارادا خىتاينىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە قاتتىق ئۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
  4. گوللاندىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ياۋروپا ياكى پۈتكۈل دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ، خىتاي ئۈستىدىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ قانۇن دائىرىلىرىگە دىلو مەلۇم قىلىش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ خەلقئارادا خىتايغا قارشى كۈچلۈك ئىنكاس ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىشى مۇمكىن.

 

بىز گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى نامىدىن بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋە گوللاندىيە ساقچى دائىرىلىرى، ئەدلىيە ئىدارىسى  قاتارلىق ئورگانلارغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. قانۇن بىلەن خىتايغا قارشى ئېلىنغان بۇ قەدەم، تېخىمۇ بۈيۈك قەدەملەرنىڭ ئېلىنىشىغا ۋەسىلە بولغۇسى!

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

«ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى » ئامېرىكىدا ئىككى پارتىيە پىرەزدىنتلىق نامزاتلىرىنىڭ مۇھىم تېمىسى بولماقتا

چا ئاۋغۇست 26 , 2020
ئامېرىكا 2020-يىللىق پىرەزدىنتلىق سايلىمى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىلىپ بىرىلىدۇ.جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسنىڭ نامزاتى،ھازىرقى پىرەزدىنت دونالد تىرامپنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدالىرى 25-ئاۋغۇتس ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسنى «ئىرقى قىرغىنچىلىق »دەپ ئاتىماقچى بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كىين، دىموكراتلار پارتىيسنىڭ نامزاتى جوۋ بايدىننىڭ سايلام ئەترىتىمۇ بانايات بىرىپ،ختتاينىڭ .ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسى ئوچۇق «ئىرقى قىرغىنچىلىق »دەپ ئاتىغان.

You May Like