بىرۇسسىلدا « سۈكۈتنى بۇزۇش» نامايىشى غەلبىلىك تاماملاندى

12- يانۋار چۈش سائەت بىردىن تۆتكىچە، بىلگىيە پايتەختى بىرۇسسىلدا بىلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «سۈكۈتنى بۇزۇش» نامايىشى بىرۇسسىل مەركىزىي پويىز ئىستانسىسىدىن باشلىنىپ، لۇكسىمبۇرگ مەيدانىغا قەدەر مارش قىلغان.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

چۆل ئوغلى

 

2020-1-13

 

12- يانۋار چۈش سائەت بىردىن تۆتكىچە، بىلگىيە پايتەختى بىرۇسسىلدا بىلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «سۈكۈتنى بۇزۇش» نامايىشى بىرۇسسىل مەركىزىي پويىز ئىستانسىسىدىن باشلىنىپ،  لۇكسىمبۇرگ مەيدانىغا قەدەر مارش قىلغان. 

 

 

بىلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى بىلگىيەدە ياشاۋاتقان  مۇسۇلمان خەلق ئاممىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر ئاي تەييارلىق قىلغان، جەمىيەت رەئىسى ياشار بىلگىيەدىكى ھەر قايسى مەسجىد ۋە تەشكىلىي ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشىشتا كۆپ كۈچ چىقارغان. شۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا يولدىكى تۈرك ۋە ئەرەب جامائەتلىرىدىن ھەرقايسى جامائەتلەرنى قوزغاپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش قىلىشقا چاقىرغان.   نامايىشقا ھەرقايسى مىللەتلەردىن ياشلار، ياشانغانلار ۋە كىچىك بالىلارغا قەدەر  400 ئەتراپىدا مۇسۇلمان ئامما نامايىشقا قاتناشقان بولۇپ،  ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان. ئۇلار يۈكسەك ئاۋازدا لاگىرلارنى تاقاش،  ئۇيغۇلارغا ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق،تىرورىسىت خىتايغا ۋە خىتاي ماللىرىغا قارشى تۇرۇش، شۇئارلىرىنى توۋلاپ ماڭغان. 

 

 

 

نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن ئەكبەرجاننىڭ ئىيتىشىچە، نامايىش پىلان بويىچە كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكەن بولۇپ، بۇ بىلگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئورۇنلاشتۇرغان ئەڭ چوڭ كۆلەملىك نامايىش ھىسابلىنىدىكەن. 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

مەمەت ئايدېمىرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ساياھىتىم» ناملىق كىتابى نەشىردىن چىقتى

سە يانۋار 14 , 2020
ۋەتىنىمىزدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇم نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا مېدىياسىدا بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈردى . دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

You May Like