ختتاي شەرقى تۈركستاندا <<مەدەنىيەت تەشۋىقاتى>>نى كۈچەيتىمەكتە

ختتاي خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشچە: 2017-يىلى 10-ئىيۇنغىچە،<< ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «مەدەنىيەت ۋە تەبىئەت مىراسلىرى كۈنى» ھەم «5-نۆۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە ھەپتىلىكى»نىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى جىمىسار ناھىيەسىنىڭ بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى قۇچۇ ئۇيغۇر ئىبادەتخانىسى خارابىلىكى مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تېمىسىدىكى 110 تۈردىن ئارتۇق مول مەزمۇندىكى پائالىيەتلەر بىرلىكتە قانات يايدۇرۇلۇپ، پۇقرالار پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئالاقىدار تارماقلار دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، ناھىيە دەرىجىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە قاراش مۇپەتتىشىگە تەكلىپنامە تارقىتىپ بەردى. شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىغا «جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرى __ شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يۈرۈشلۈك كىتابلىرى» ۋە مەخسۇس فىلىمى سوۋغا قىلىندى.>>

ئۇيغۇر مەدەنىيتى ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ،كۆپ مىللەتلىك ئامىللارنى تىرىلدۇرۇش،باشقا مىللەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا قارشى مەدەنىيەت كۆپ قۇتۇپلىششقا چاقىرىش ئۇچۇن ختتاي داۋاملىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا.

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خەلقىمىزدە سېۋەتچىلىك مەدەنىيىتى

سە ماي 1 , 2018
سېۋەت ئىچىگە نەرسە – كېرەك سېلىش ۋە سامان، توپا، قىغ قاتارلىقلارنى توشۇش ئۈچۈن دەرەخ چىۋىقلىرىدىن يۇمۇلاق، ئېللىپىس ۋە قاپقاقلىق ھالەتتە توقۇلىدىغان تال توقۇلما بۇيۇمى.

You May Like