بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسلىسى مۇنازىرسى تېكستى (1)

دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسلىسى مۇنازىرسى (1)[/caption] بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسلىسى مۇنازىرسى (1) تەرجىمە قىلغۇچى:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان مۇھىم ئەسكەرتىش :

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسلىسى مۇنازىرسى (1)

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسلىسى مۇنازىرسى (1) تەرجىمە قىلغۇچى:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان مۇھىم ئەسكەرتىش : ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى سياسەت ئىلمى،خەلقئارا مۇناسۋەت كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە چەتئەل تىللىرىغا پششىق بولغان ياش زىيالىيلارنىڭ بىتەرەپ ھالدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھۈججەتلەر،باياناتلار ۋە تاراتقۇ خەۋەرلىرىنى تىللار ئارا ئەينەن تەرجىمە قىلىپ سۇنىدىغان بىر سەھنىسى بولۇپ،ھىچقانداق گەۋدە ياكى شەخستىن ياردەم ۋە بۇيرۇق قوبۇل قىلمايدۇ.پەقەت ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن سەمىمى خىزمەت قىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتى مەزكۇر يېغىنىدىكى مۇنازىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسمى بىر سائەتلىك سۆھبەت بولۇپ ،بۇ ھۈججەتلەر نەق مەيدان فىلىمغا ئىلىنغان فىلىم ھۈججىتى بولۇپ،پەقەت يازما شەكلى يوق،شۇڭا فىلىمنى قايتا-قايتا قويۇپ ئاڭلاپ،تەرجىمە قىلىش ،يەنە قايتا -قايتا قويۇپ ئاڭلاپ تەھرىرلەشكە نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلدۇق،مەقسەت پەقەت چەتئەلدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەزىيەتنى بىۋاستە ئەينەن بىلىپ ،مەسللەرنى ئۆز ئەقلى-ھوشى بىلەن ئويلىنىىشغا تۈرتكە بولۇشتۇر.چۈنكى بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يورۇشۇن كۈچىنىڭ بىلىش ۋە چۈشىنىش بىلەن ئويغىنىدىغانلىقىغا ئىشنىمىز!ختتاينىڭ تور بېكىتىمىز ئىلان قىلىنغاندىن بىرى ئىلىپ بىرىۋاتقان خاككىرلىق ھۇجۇملىرى ۋە ئىقتىدارسز ھەسەتخورلارنىڭ غەيۋەتلىرى بىزنى بۇ ئىلمى ،جاپالىق ،ساۋاپلىق ئەمگىكىمىزدىن توختىتالمايدۇ. يېغىن ئارقا كۆرۈنۈش: 19ئەزا دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتى كومېتىتى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى <<غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتىنىڭ مەسلىھەتچىلىك سالاھىيتىنى بېكىتىش يېغىنى>>دا ختتاي ۋەكىلى <<خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيتى >>دىگەن تەشكىلاتنىڭ <<ب د ت>> دىكى مەسلىھەتچىلىك سالاھىيتىنى ئىلىپ تاشلاش تەكلىۋىنى سۇندى،سەۋەبى :بۇ تەشكىلات ئاتالمىش ئۇيغۇر پائالىيەتچى دولقۇن ئساغا مەزكۇر يېغىنغا قاتنىشش سالاھىيتى بەرگەن. بۇ تەكلىپ روسيە پاكستان ،ئىران، سۇدان ، تۈركىيە ، كۇبا قاتارلىق ختتاينىڭ ب د ت دىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېتتپاقداشلىرىنىڭ قوللاپ سۆز قىلىشى ياكى سۈكۈت قىلىش بىلەن قوللىشىغا ئىرىشتى.ئامېرىكا ،گىرمانىيە،ياۋروپا ئېتتپاقى ، ئسرائىلىيە ، ئەنگىلىيە قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى . ئامېرىكا ئەلچىسى : رەھمەت رەئس،بۇ ئىنتايىن ئازاپلىق ۋە ئۇمۇتسزلەندۇرىدىغان بىر كۇن بولدى،چۇنكى بىز بۈگۈن بۇ يەردە بۇ كومېتىتىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە ئۆزىنى ئسلام دىنىنىڭ ھىمايىچىىسى ۋە ئەگەشكۈچىسى دەپ ئوتتۇرىغا چىققان دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ <<ئسلامغا قارشى >>ھەرىكەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغانلىقىنى كۆردۇق.بۇ دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ دىنى ۋە ئنسانى ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشۋاتقان بىر شەخسنى ھىچقانداق ئسپاتلانغان پاكىتلارنى تەمىنلىمەستىن تىرورىزىم بىلەن ئەيىپلەش ئارزۇسى ئۇچۇن تىرىشچانلىق قىلىۋاتىدۇ….>>دىدى. يېغىندا جۇڭگو ۋە جۇڭگونىڭ ئېتتپاقداشلىرى ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇرلارنى ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغان دۈشمەن سۈپىتىدە يەكلەشكە ئۇرۇندى… تەرتىپ بويىچە،5-ئاينىڭ 25-كۈنى جۈمە چۈشتىن كىين مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغان بولدى. رەئىس:خەيرلىك سەھەر،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتى كومېتىتىنىڭ ئالاھىدە ئەزالىرى،غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلارنىڭ سالاھيتىگە قاراپ چېقىش كۈنتەرتىۋىمىز بويىچە ،پىكىر بايان قىلىش ۋە مۇھاكىمە باشلاندى.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ۋەكىلى مىكرافون سزدە ! جۇڭگو ۋەكىلى: رەھمەت رەئىس ئەپەندىم، جۇڭگو تەرەپ مەزكۇر پىروگىرامما تەرتىۋى بويىچە،<<تەھدىتكە ئۇچرىغان خەلقلەر جەمئىيتى>> تەشكىلاتنىڭ <<مەسلىھەتچىلىك>>سالاھىيتنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ،مەزكۇر كومېتىتىنىڭ مۇناسۋەتلىك تەرتىپ-باسقۇچلىرىغا ئاساسەن نوتا تاپشۇردۇق ، ئشنىمەنكى،كومېتىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئۇنىڭغا بىر قاراپ چىقتى،بۇ نوتادا بىزنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسلىھەتچىلىك سالاھىيتىنى ئىلىپ تاشلاش سەۋەبى ھەققىدە ئوچۇق تولۇق توختالدۇق،مەن بۇ يەردە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى تەكرارلاپ ئولتۇرمايمەن،مەن تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىنى تەكىتلىمەكچى:ئالدى بىلەن <<تەھدىتكە ئۇچرىغان خەلقلەر جەمئىيتى>>جۇڭگولۇق تىرورچى دولقۇن ئسانى ب د ت نىڭ ئوخشىمىغان يېغىنلىرىغا قاتناشتۇردى،يېقىندا ئېچىلغان <<يەرلىك مىللەتلەر يېغىنى>>مۇ شۇنىڭ ئىچىدە،دولقۇن جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2003-يىلى تىرورچى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن شەخس بولۇپ،ئۇ تىروررلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش،تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىشقا چېشتىلىق ،ئۇ يەنە تىروررچىلارنى قۇتقۇزۇش، مالىيە ياردىمى بىرىش بىلەنمۇ ئالاقىدار.ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تىرورچى تەشكىلات دەپ بېكىتىلگەن <<شەرقى تۈركستان ئازاتلىق تەشكىلاتى>>نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان،ئۇ جۇڭگو چىگىرسى ئىچىدە نۇرغۇن تىرورلۇق ۋەقەلىرىگە يتەكچىلىك قىلغان ۋە ئىلىپ بارغان بولۇپ،بۇلار پارتىلىش،گۆرەگە ئىلىش ۋە قەستلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ھەر قانداق ئۆلچەم بويىچە ئالغاندا بىر تىرورچى.ئۇ 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە تۇرۇپ ،جۇڭگونىڭ شنجاڭدىكى بىر پارتىلىتىش ۋەقەسىنى پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىغان،ئىككىنچىدىن :ئۇ ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى شنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى داۋا قىلىدۇ،ئۇ ھازىر <<دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي>>نىڭ رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ،بۇ قۇرۇلتاينىڭ مەقسدى بىر مۇستەقىل <<شەرقى تۈركستان دۆلىتى>>قۇرۇش بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ زىمىن پۈتۈنلۇكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئىغىر تەھدىت شەكىللەندۇرىدۇ.مەن ئىگەللىگەن ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا،<<تەھدىتكە ئۇچرىغان خەلقلەر جەمئىيتى>>يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ زىمىن پۈتۈنلۇكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىدىغان تەھدىت شەكىللەندۇرۇپ كەلگەن.بۇلارنىڭ ھەممىسى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ <<بىرلەشكەن دۆلەتلەر خارتىيسى>>غا خىلاپ بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى كۆرستىدۇ.ئۈچىنچىدىن :دولقۇن 5-ئاپرىل كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك مىللەتلەر يېغىنغا قاتناشقان بولۇپ،ئۇ <<تەھدىتكە ئۇچرىغان خەلقلەر جەمئىيتى>>گە تېزىملىتىپ قاتناشقان،بىراق دىئالوگ جەريانىدا ئۇ ئۆزىنى <<دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي>>دەۋالغان ،ئەمما بۇ قۇرۇلتاينىڭ بۇ <<مەسلىھەتچىلىك سالاھىيتى يوق >>ھەم مەزكۇر يېغىنغا قاتنشىش سالاھىيتىمۇ يوق .تەھدىتكە ئۇچرىغان خەلقلەر بولسۇن،دولقۇن بولسۇن ياكى ھەر ئىككىلىسى بولسۇن يالغانچىلىق،ساختىلىق بىلەن دىئالوگ يېغىنغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان ،بۇ قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ تۈزۈملىرى ۋە ئۆلچەملىرىگە ئىغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر، 996/30نۇمۇرلۇق نىزامنامىغا ئاساسەن،31-نۇمۇرلۇق ماددسىغا ئاساسەن،مەزكۇر جەمىيەتنىڭ <<مەسلىھەتچىلىك سالاھىيتى>>يوق،شۇڭا بىز ئۇنىڭ سالاھىيتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز، بىز كومتىتىنىڭ يېڭى يېغىن باشلىنىشدا بۇ جەمىيەتنىڭ سالاھىيتىنى ئىلىپ تاشلاشنى سورايمىز، شۇنداق بولسمۇ ،بىز مەزكۇر كومېتىتىنىڭ مۇناسۋەتلىك تۇزۇم ۋە تەرتىپلىرىگە ئاساسەن،بۇ جەمىيەتكە بىزنىڭ يازمىچە تەكشۇرىشمىزگە جاۋاپ بىرىش پۇرستىنى بىرىشنى خالايمىز،بىزنىڭ جۈمە كۇنى مۇۋاپىق قارار قىلىشمىز ئۈچۈن بۇ جەمىيەتنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ جۇمە كۇنىگىچە يازمىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز ،رەھمەت رەئىس ئەپەندىم ! رەئىس:جۇڭگو ئالاھىدە ۋاكالەتچىسىنىڭ سۆزىگە رەھمەت،مۇناسۋەتلىك تەرتىپلەرگە ئاساسەن مەزكۇر جەمىيەتنىڭ مۇزاكىرىگە ئىنكاس قىلىش پۇرسىتى بار،كاتىبات باشقارمىسى ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشدۇ.جۇمە كۇنى بىز مۇھىم بولغان ئورگان دوكلاتىغا ئىرىشمىز،ئەگەر باشقا قارشى پىكىرلەر بولمىسا،تەرتىپ بويىچە داۋاملاشتۇرىمىز.كۇنتەرتىپنى داۋاملاشتۇرىمىز،باشقا ۋەكىللەرنىڭ مەزكۇر تېمىدا سۆزى بارمۇ؟ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋەكىلى،مىكرافون سزدە ! ئامېرىكا ۋەكىلى :رەھمەت رەئىس ئەپەندىم،سز ئىلىپ بىرىۋاتقان تەرتىپلىك يىغىن ئۇچۇن رەھمەت.جۇڭگو ۋەكىلى ئوتتۇرىغا قويغان مەسلىگە قارىتا،مەن باش كاتىپنىڭ دوكلاتىدىن ئوقۇپ ئۆتمەكچى،بۇ 2018-يىلى 23-مارت تارقىتىلغان دوكلات، قايتا دەپ قوياي،بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىۋىنىڭ دوكلاتى،بىرەر غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتىنىڭ ئەمەس ياكى تاراتقۇ دوكلاتى ئەمەس،مەن ئاۋال بىر پاراگرافنى ئوقۇپ ئۆتەي،ئۇنىڭدا مۇنداق دىيلگەن،2017-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇيغۇر ئنسانى ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە <<تەھدىتكە دۇچ كەلگەن خەلقلەر>>جەمىيتى ئەزاسى دولقۇن ئسا جۇڭگو ۋەكىللىرىنىڭ تەلىۋى يەنى <<بىخەتەرلىك مەسلىسى>>ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەنلىكى سەۋەبى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شتابىدىكى <<يەرلىك مىللەتلەر يېىغىنى>>غا قاتنشىۋاتقان دولقۇن ئسا يېغىن مەيدانىدىن سالاھىيتىنى تەكشۇرۇش ئۇچۇن يالاپ ئىلىپ چىقىلغان،نەتىجىدە دولقۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ يېغىنغا قاتىشش سالاھىيتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەن،بۇ ئۆتكەن يىلقى ئش.بۇ <<ئنسانى ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىدىن قساس ئىلىش ھەققىدىكى دوكلات>>تىن ئىلىندى.شۇنىسى ناھايتى ئىنىقكى،بۇگۇن بولۇۋاتقان ئشلار يەنە بىر قېتىملىق قساس ئىلىش ھەرىكىتىدىن ئىبارەتتۇر.كومېتىت مانا مۇشۇنداق قىلمىشقا شىرىك بولۇشنى تەلەپ قىلىنۋاتىدۇ. بىز بۇ قىلمىشتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز،جۇڭگو ۋەكىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئەيىپلەشلەردىن ئەندشە قىلىمىز،بۇ خەت بەك كېچكىپ يەتكۇزەلگەنلىكى ئۇچۇن،نۇرغۇن ۋەكىللەرنىڭ بۇگۇن بۇ ھەقتە سۆزلەشكە تەييارلىق قىلغۇدەك ۋاقتى بولمىدى.بىزنىڭ چۇشىنىشمىزچە بۇ شەخس -مۇناسۋەتلىك ئىجازەتكە ئىرىشپ ،ئاندىن يېغىنغا قاتناشقان،ئەگەر بۇ يەردە راستىنلا بىخەتەرلىك مەسلىسى بولسا،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك تارماقلىرى قائىدە-تۇزۇملەرگە ناھايتى جىددى مۇئامىلە قىلىدۇ،بىزنىڭ رەئس ئەپەندىدىن تەلەپ قىلىدىغان ئشىمىز-خەۋپسزلىك كېڭىشى مەسئۇلىنى تەكلىپ قىلىپ،بىزگە بۇ شەخس ھەققىدە ئۇچۇر بىرشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتۇرۇشتۇر.خۇددى جۇڭگو ۋەكىللىرى دىگەندەك،بۇ شەخس ئىجازەتكە ئ‍رىشپ ،يېغىنغا قاتناشقان،يەنە قايتا دەپ قوياي،بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىۋىنىڭ ئۆتكەن يىللىق بىخەتەرلىك دوكلاتىدا يېزىلغان.شۇڭا رەئىس ئەپەندىم،بىز بۇ مەسلە ھەققىدە ناھايتى ئەندىشلىۋاتىمىز،بىز مەزكۇر جەمىيەتنىڭ مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلارغا جاۋاپ بىرىشى ئۇچۇن جۇمە كۇنىگىچە ۋاقىت بىرىلىشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمىز.بىز تەرتىپ بويىچە ئۇلارغا پۇرسەت بىرىشمىز ،مۇناسۋەتلىك ئامىللارنى ئويلىششمىز كىرەك.بىراق بىز باشقا يەنە گەۋدىلەرنىڭمۇ پىكرىنى ئاڭلىشمىز كىرەك.ئەگەر بۇ يەردە راستىنلا ھەممىمىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تىرورلۇق تەھدىتى بولسا،ئەگەر ئۇ راستىنلا تىرورلۇق قىلىدىغان شەخس بولسا،بىز ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئىتىنى چېقىش قىلىپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بۇ شەخسنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى ئۇچۇن ۋېزا بەرمىگەن بولاتتۇق،ئەگەر بۇ يەردە ھەقىقەتەن جۇڭگو ۋەكىللىرى دىگەندەك ،بىخەتەرلىك تەھدىتى بولغان بولسا،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كۈچلىرى بىزنى خەتەرگە تاشلاپ ئۇنى كىرگۇزمىگەن بولاتتى .شۇڭا رەئىس ئەپەندىم،بىز مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاڭلشمىز،پاكىتلارنى كۆرۈشىمىز كىرەك.شۇڭا بۇ كومىتىت قساسكارلىقنىڭ شرىكى ئەمەس،بىز بۇنىڭغا كەسكىن دىققەت قىلىمىز ! يەنە دەپ قوياي،بۇ مەسلە بىز ئۇچۇن ھەق-ناھەق مەسلىسى،تارىختىكى ھەر قانداق چاغدىكىدەك بەكرەك ئاشكارا مەسلە،بىزدە ب د ت نىڭ ئۆزىنىڭ دوكلاتى بار،بىز مەزكۇر كومتىتىكى ھەر بىر شەخسنىڭ بۇنى بۇگۇن كەچ تەپسلى ئوقۇپ چېقىشنى ئۇمىد قىلىمىز.رەھمەت !

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانى (2)

شە ماي 26 , 2018
مۇھىم ئەسكەرتىش : ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى سياسەت ئىلمى،خەلقئارا مۇناسۋەت كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە چەتئەل تىللىرىغا پششىق بولغان ياش زىيالىيلارنىڭ بىتەرەپ ھالدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھۈججەتلەر،باياناتلار ۋە تاراتقۇ خەۋەرلىرىنى تىللار ئارا ئەينەن تەرجىمە قىلىپ سۇنىدىغان بىر سەھنىسى بولۇپ،ھىچقانداق گەۋدە ياكى شەخستىن ياردەم ۋە بۇيرۇق قوبۇل قىلمايدۇ

You May Like